«يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت
1ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).
2مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 3ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ
«ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ،
ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر،
ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!
4ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان،
نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟
چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛
بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».  
5بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!   6يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 7تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.   

Notes


15:1 ۋەھ. 11‏:14.

15:2 ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18.

15:3 زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17.

15:4 «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10.

15:4 يەر. 10‏:7.

15:5 «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك.

15:5 ۋەھ. 11‏:19.

15:6 ۋەھ. 1‏:13.

15:8 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12.

15:8 مىس. 40‏:34؛ 1پاد. 8‏:10؛ يەش. 6‏:4.