ئايال، ئوغۇل بالا ۋە ئەجدىھا
1ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. 2ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. 3ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. 4ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 5ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. 6ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.
7ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. 8لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. 9شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى.
10ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ
«كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى!
چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛
11قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛
ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.
12شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار!
لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار!
چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛
ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ،
غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!».
13ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 14ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلانغان ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.   15ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. 16لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. 17بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.

Notes


12:2 «ئۇ (ئايال) ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى...» ــ ئايال توغرۇلۇق ئۈچ پىكىر بار؛ ئۇ ياكى (1) جامائەتنى؛ ياكى (2) بۈۋى مەريەم؛ ياكى (3) ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمانىمىز يوق. ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تەۋرات، «يارىتىلىش» 37-بابتا خاتىرىلەنگەن چۈشىنى كۆرۈڭ. «ئايال» جامائەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «ئايال» مەسىھنى تۇغىدۇ (5-ئايەت). 17:12نىمۇ كۆرۈڭ.

12:4 «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...» ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان.

12:5 زەب. 2‏:9؛ ۋەھ. 2‏:27.

12:6 ۋەھ. 11‏:3.

12:7 «باش پەرىشتە مىكائىل» ــ باش پەرىشتە مىكائىلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار («دان.» 13:10، 21، 1:12 ۋە «يەھ.» 9نى كۆرۈڭ).

12:8 دان. 2‏:35.

12:9 لۇقا 10‏:18؛ ۋەھ. 20‏:2.

12:12 زەب. 96‏:11؛ يەش. 49‏:13؛ ۋەھ. 8‏:13.

12:14 «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل، ۋە يېرىم مەزگىل» ــ 1260 كۈن، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل. «دان.» 25:7، 7:12نى، ئىزاھاتلىرى ۋە «دانىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.

12:14 ۋەھ. 2‏:6.

12:17 «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى» ــ ياكى ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار، ياكى ئۇ ئۆزى بەرگەن گۇۋاھلىقنى چىڭ تۇتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئاۋۋالقىسى توغرا.