24
ئەيسانىڭ تىرىلىشى
مات. 28:1-10؛ مار. 16:1-8؛ يـۇھ. 20:1-10
1ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. 2ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ 3ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى. 4ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. 5ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 6-7ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى.
8ۋە ئۇلار ئۇنىڭ دەل شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ 9ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى. 10روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. 11لېكىن ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 12بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.
ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقان سىرلىق مۇساپىر
مار. 16:12-13
13ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. 14ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 15ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ 16لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى.
17ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، 18 ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.
19ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى.
«ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، 20باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. 21بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ 22يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، 23ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ. 24بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ».
25ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! 26مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.
27ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.
28ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. 29لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:
ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى. 30ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. 31ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. 32ئۇلار بىر-بىرىگە:
ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى.
33-34ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى. 35شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا يەنە كۆرۈنۈشى
مات. 28:16-20؛ مار. 16:14-18؛ يـۇھ. 20:19-23؛ روس. 1:6-8
36ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، ئەيسا ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ:
ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
37ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى.
38ئۇ ئۇلارغا:
ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ 39قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى.
40ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 41ئۇلار خۇشلۇقتىن كۆزلىرىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن:
ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 42ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، 43ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.
44ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
45شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى 46ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ مۇقەددەس يازمىلاردا شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، 47ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ. 48سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. 49ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار».
ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى
مار. 16:19-20؛ روس. 1:9-11
50ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى. 51ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 52ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 53ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى.
Notes
□24:1
«ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ياكى «شاباتتىن كېيىنكى كۈن»، يەنى يەكشەنبە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ««ھەپتىلەر»نىڭ بىرىنچى كۈنى». «پېتىر نان ھېيتى»دىن «ئورما ھېيتى»غىچە 7 ھەپتە، يەنى 49 كۈن سانىلىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت «ھەپتىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، «ئورما ھېيتى» بەزىدە «ھەپتىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
■24:1
مات. 28:1؛ مار. 16:1؛ يـۇھ. 20:1.
□24:4
«نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات» ــ «ئىككى زات» گرېك تىلىدا «ئىككى ئەر كىشى». بۇلار پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.
■24:6-7
مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:18؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:33؛ لۇقا 9:22؛ 18:31.
■24:8
يـۇھ. 2:22.
■24:9
مات. 28:8؛ مار. 16:10.
■24:12
يـۇھ. 20:3، 6.
□24:13
«ئون بىر چاقىرىم» ــ گرېك تىلىدا «ئاتمىش ستادىيون» ــ بىر ستادىيون تەخمىنەن 185 مېتر كېلىدۇ.
■24:13
مار. 16:12.
■24:15
مات. 18:20؛ لۇقا 24:36.
■24:19
لۇقا 7:16؛ يـۇھ. 4:19؛ 6:14.
□24:21
«بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق» ــ «ھەمجەمەت-ئازاد قىلغۇچى» ياكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» توغرۇلۇق «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھات، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■24:21
روس. 1:6.
■24:22
مات. 28:8؛ مار. 16:10؛ يـۇھ. 20:18.
■24:26
يەش. 50:6؛ 53:5؛ فىل. 2:7؛ ئىبر. 12:2؛ 1پېت. 1:11.
■24:27
يار. 3:15؛ 22:18؛ 26:4؛ 49:10؛ قان. 18:15؛ زەب. 132:11؛ يەش. 7:14؛ 9:5؛ 40:10؛ يەر. 23:5؛ 33:14؛ ئەز. 34:23؛ 37:24-25؛ دان. 9:24؛ مىك. 7:20.
■24:29
يار. 19:3؛ روس. 16:15؛ ئىبر. 13:2.
□24:30
«ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى» ــ «نان ئوشتۇش» ئادەتتە بۇنى مېھمان ئەمەس، بەلكى ساھىبخانا قىلىشى كېرەك ئىدى.
□24:33-34
«ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار شۇ سائەتتىلا تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى».
□24:36
«سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم»، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■24:36
مار. 16:14؛ يـۇھ. 20:19؛ 1كور. 15:5.
■24:41
يـۇھ. 21:10.
■24:44
مات. 16:21؛ 17:22؛ 20:18؛ مار. 8:31؛ 9:31؛ 10:33؛ لۇقا 9:22؛ 18:31؛ 24:6.
■24:46
زەب. 16:10؛ 22:6. 22؛ روس. 17:3.
■24:47
روس. 13:38؛ 1يۇھ. 2:12.
□24:49
«مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن» ــ «ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنى» ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى. خۇدا ئۇلارنى «قۇدرەت بىلەن كىيگۈزىدۇ». «لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار» ــ «بۇ شەھەر» ــ يېرۇسالېم.
■24:49
يـۇھ. 14:26؛ 15:26؛ 16:7؛ روس. 1:4.
■24:50
روس. 1:12.
■24:51
مار. 16:19 روس. 1:9.
□24:53
«...ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى... ئۇلار ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى» ــ بۇ 36-53-ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسىھنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ئىدى. بىراق ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بايان قىلىدىغان باشقا خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىرىنچى يەكشەنبىدىكى كۆرۈنۈشتىن كېيىن ئەيسا يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇخلىسلىرىغا ئايان بولدى. لۇقانىڭ بۇ خاتىرىسى ئەيسانىڭ مۇخلىسلارغا بىرىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنىشلىرىدىن بىراقلا قىرىقىنچى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشىگە ئاتلاپ ئۆتكەن بولسا كېرەك (45-ئايەتتە ياكى 50-ئايەتتە «ئاتلاپ ئۆتىدۇ»). شۇڭا ئىنجىلدىكى «تۆت بايان»دا ھېچقانداق زىت يەرلەر يوق، دەپ قارايمىز. «لۇقا»نىڭ داۋامى «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دۇر، ئەلۋەتتە.