توۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش
1شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
2ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ 3مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. 4سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ 5مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى ــ مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخ
6ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. 7ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. 8لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 9ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن.
شابات كۈنى دوك ئايالنى ساقايتىش
10بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. 12ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ:
ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى. 13ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
14بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە:
ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى.  
15شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟!    16ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟!
17ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچقا ئوخشىتىدىغان تەمسىللەر
مات. 13‏:31-33؛ مار. 4‏:30-32
18ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ 19ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى.
20‏-21ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى.  
ھاياتنىڭ تار ئىشىكى
مات. 7‏:13-14، 21-23
22 ئەيسا يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. 23بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:
ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
24ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. 25ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. 26ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 27ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 28سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. 29ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.    30شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ.   
ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا باغلىغان مېھىر-مۇھىببىتى
مات. 23‏:37-39
31دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى.
32ئۇ ئۇلارغا:
ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار. 33ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس.
34ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار.    35مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.   

Notes


13:1 «... ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ... ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقى» ــ ئايەتتە «ئىبادەتخانا» دېگەن سۆز يوق. بىراق قۇربانلىق قىلىش باشقا يەردە بولمايتتى. «...قانلىرىنى... قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇردى» ــ دېمەك، پىلاتۇس ئۇلارنى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى.

13:3 «ھەممىڭلار ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر» ــ بۇ سۆز بەلكىم رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيە 10-يىلىدا يېرۇسالېم ۋە باشقا شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ دوزاخنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 5-ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ شۇنداق.

13:4 «سىلوئام» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «شىلوئاھ») يېرۇسالېمدىكى بىر مەھەللە. «نەھ.» 15:3 ۋە «يەش.» 6:8نى كۆرۈڭ. «سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟» ــ «قەبىھ» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «قەرزدار» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

13:11 «... ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ...» ــ «جىن» ــ گرېك تىلىدا «روھ». «ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى» ــ «ئۆرە تۇرالمايدىغان» گرېك تىلىدا «بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان».

13:14 «سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ...» ــ ئۇنىڭ غەزەپلىنىشىنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار ئىدى: (1) ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئايال كىشى سىناگوگنىڭ ئوتتۇرىغا كەلمەسلىكى كېرەك ئىدى (ئۇلار كەينىدە ئولتۇراتتى ياكى تۇراتتى)؛ (2) يەنە قائىدىلىرى بويىچە ئەر كىشى ئايال كىشىگە ھېچ تەگمسەلىكى كېرەك، ھەتتا ئادەتتە ناتونۇش ئايال كىشىگە گەپ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى؛ (3) ئەيسا شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتتى.

13:14 مىس. 20‏:9؛ قان. 5‏:13؛ ئ‍ەز. 20‏:12.

13:15 «ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! » ــ بۇنى «ئىشلەش» ياكى «خىزمەت قىلىش» دەپ ھېسابلاشقا بولسىمۇ، ئىنسان بۇ زۇۋانسىز ھايۋانلارغا مۇشۇنداق «ئىنسانپەرۋەرلىك» كۆرسەتمىسە، تولىمۇ رەھىمسىزلىك بولاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانغا رەھىم كۆرسىتىشكە بولمامدۇ؟!

13:15 مىس. 23‏:5؛ قان. 22‏:4؛ لۇقا 14‏:5.

13:16 «ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال» ــ «ئىبراھىمنىڭ قىزى» دېگەن ئىبارە ئايالنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا بەلكىم ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئېتىقاد بولغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.

13:18 مات. 13‏:31؛ مار. 4‏:30.

13:19 «ئۇ ، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ» ــ «قىچا ئۇرۇقى» ئاسىيادىكى بارلىق ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى. «ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى» ــ ئادەتتە قىچا ئۆسۈپ يېتىلگەندە 2-3 مېترلىق كۆچەت بولىدۇ. لېكىن بۇ تەمسىلدۇر؛ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بەزى جەھەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، تەمسىللەردە «قۇشلار» ئادەتتە جىن-شەيتانلارنى بىلدۈرىدۇ (مەسىلەن، 5:8نى كۆرۈڭ).

13:20‏-21 «ئۈچ جاۋۇر ئۇن» ــ (ياكى «ئۈچ كۈرە ئۇن») گرېك تىلىدا «ئۈچ ساتون»، ئىبرانىي تىلىدا «ئۈچ سېئاھ». بىر «ساتون» 7 كىلوگرام ئىدى؛ بۇ خېلى كۆپ ئۇن بولۇپ، يۈز ئادەمنىڭ تامىقىغا يېتەتتى. «يار.» 6:18نى كۆرۈڭ. ئوقۇرمەنلەرگە يەنە ئايانكى، تەمسىللەردە «ئېچىتقۇ» ياكى «خېمىرتۇرۇچ» ئادەتتە يامان تەسىرلەر (تەكەببۇرلۇق، ساختىپەزلىك)نى بىلدۈرىدۇ (مەسىلەن، 1:12نى كۆرۈڭ).

13:20‏-21 مات. 13‏:33.

13:22 مات. 9‏:35؛ مار. 6‏:6.

13:24 مات. 7‏:13.

13:25 مات. 25‏:11،12؛ لۇقا 6‏:46.

13:27 زەب. 6‏:8؛ مات. 7‏:23؛ 25‏:12،41.

13:28 مات. 8‏:11، 12؛ 13‏:42؛ 24‏:51.

13:29 «كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ» ــ «مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن» كەلگەنلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئولتۇرىدۇ» باشقا ئىزاھاتلاردا كۆرسىتىلگەندەك گرېك تىلىدا «ياتىدۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

13:29 يەش. 2‏:2؛ مال. 1‏:11؛ مات. 8‏:11.

13:30 «ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «ئاخىرقىلاردىن بىرىنچىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ، بىرىنچىلەردىن ئاخىرقىسى بولىدىغانلار بار بولىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئاجايىب ھەقىقەتنىڭ كۆپ جەھەتلىرى بار؛ بىراق روشەنكى، شۇ كۈنىدە خۇدا ئەسلى چاقىرغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ ۋە ئەسلى بۇتپەرەس بولغان يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭدا ئىززەتكە ئېرىشىدۇ.

13:30 مات. 19‏:30؛ 20‏:16؛ مار. 10‏:31.

13:32 «ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۈچىنچى كۈنى نىشانىمغا يېتىمەن» ياكى «ئۈچىنچى كۈنى ئىشلىرىمنى تامام قىلىمەن». لېكىن ئىشىنىمىزكى، تەرجىمىمىز گرېك تىلىغا سادىقتۇر. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار» ــ بۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى بەلكىم: «ماڭا قالغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇدا ماڭا بېكىتكەن پىلانى بويىچە سەندىن قورقماي ئىشلەۋېرىمەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەن خۇدادىن تاپشۇرۇۋالغان ۋەزىپەمنى تامام قىلىمەن ۋە شۇنداقلا ئۆزۈم «تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن»» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەسىھنىڭ «تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن» دېگەن سىرلىق سۆزى، شۈبھىسىزكى، كۆپ جەھەتلىكتۇر. «ئىبر.» 10:2دە ئوخشاش ھەقىقەت تېپىلىدۇ ۋە «ئىبرانىيلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز.

13:33 «ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر» ــ ئەيسا بۇ سۆزنى قىلغاندا تېخى گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئىدى. ھېرودنىڭ يېرۇسالېم بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى، گالىلىيەنى ئىدارە قىلاتتى. شۇڭا بۇ 32-ئايەتتىكى سۆزنىڭ داۋامى: «مەنكى مەسىھ يېرۇسالېمغا بېرىشىم كېرەك، لېكىن ئۇنداق قىلىشىم ھېرودتىن قېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پىلانى بولغانلىقى ئۈچۈن» دېگەندەك مەنىدە. «چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولما.» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. بۇ «كاپىر» ھېرود خان گالىلىيەنى باشقۇرغىنى بىلەن مەسىھكە خەتىرى بولمايدۇ، لېكىن «خۇدانىڭ گۈزەل شەھىرى»دە تۇرۇۋاتقانلار ئاخىر بېرىپ ئەيسانى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ جۈملىدىكى «مۇمكىن بولماس» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئەقىل يەتمەس».

13:34 «ئەي «يېرۇسالېم، يېرۇسالېم!» ــ مۇقەددەس كىتابتا، بىرسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ياكى بىر جاينىڭ نامىنى تەكرار ئىككى قېتىم چاقىرىشى ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم» ــ «سېنىڭ بالىلىرىڭ» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

13:34 زەب. 17‏:8؛ 91‏:4؛ مات. 23‏:37.

13:35 «مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ» ــ «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار» مۇشۇ بېشارەتتە: (1) مۇقەددەس ئىبادەتخانا (ئۇ كىنايىلىك بىلەن «خۇدانىڭ ئۆيى» دېمەيدۇ): (2) پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى رىملىقلار مىلادىيە 70-يىلىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە يەھۇدىي خەلقىنى دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا تارقىتىۋېتىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» ــ بۇ بولسا يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەسىھنى قارشى ئېلىشىدا دېيىشىگە تېگىشلىك سۆزلەردۇر. مەسىھ يېرۇسالېمغا كىرگەندە گەرچە مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەر شۇنداق سۆزنى قىلغىنى بىلەن («لۇقا» 28:19-48نى، بولۇپمۇ 38-ئايەتنى كۆرۈڭ)، (1) ئۇلارنىڭ ئۇنداق دېگەنلىرى ساپ ئېتىقادتىن بولمىغان؛ (2) پۈتۈن خەلق ئۇنداق دېگىنى يوق، بەلكى ئىشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ مۇشۇ دۇنياغا قايتا كېلىشى، شۇنداقلا يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۇنى قايتا كۆرۈشى ئۈچۈن پۈتكۈل خەلق ئاۋۋال ئۇنى «مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىمىز»، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچى» دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكتۇر (بۇ بېشارەت «رىم.» 25:11-27، «زەك.» 7:12-14 ۋە باشقا يەرلەردە تېپىلىدۇ).

13:35 زەب. 69‏:25؛ 118‏:26؛ يەش. 1‏:7؛ يەر. 7‏:34؛ مىك. 3‏:12؛ مات. 23‏:38؛ روس. 1‏:20.