مەسىھنىڭ بىر قېتىملىق قۇربانلىقى
1تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق خۇداغا يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ. 2بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. 3ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. 4چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ
«نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس،
بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛  
6نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛
7شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!
ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ
ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم».  
8ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن 9يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، خۇدا كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 10خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.  
11ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ. 12بىراق، بۇ كاھىن بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛    13ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ. 14ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى. 15 مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ
16«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن،
ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ
17«ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن.  
18ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.
ئەمدى خۇداغا يېقىنلىشايلى!
19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، 20(ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن) 21شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، 22دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!    23ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر) 24ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. 25بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.
26ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس، 27بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس. 28ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى. 29ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟
30چۈنكى تەۋراتتا «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز.    31مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە!
32ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 33بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار. 34چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار.    35شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ.
36چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. 37چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: ــ
«پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»،
«كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ،
ئۇ كېچىكمەيدۇ.  
38بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛
لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە،
جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ».   39ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز.

Notes


10:1 كول. 2‏:17؛ ئىبر. 8‏:5.

10:4 لاۋ. 16‏:14؛ چۆل. 19‏:4؛ ئىبر. 9‏:13.

10:5 «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ» ــ «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.

10:5 زەب. 40‏:6؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21.

10:7 «....شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم»» ــ (5-7-ئايەت) «زەب.» 6:40-8 (كونا گرېك «سېپتۇئاگىنت» (LXX) تەرجىمىسىدىن). بۇ ئايەتلەردە تەۋراتتىكى تۆت خىل ئاساسىي قۇربانلىق (ئىناقلىق ياكى تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى (رەھمەت قۇربانلىقلىرى)، ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە ۋە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار) تىلغا ئېلىنىدۇ. دېمىسەكمۇ، مەسىھ بۇ سۆزلەرنى ئۆزى دۇنياغا كېلىشىدىن 1000 يىلچە بۇرۇن ئۆز روھى ئارقىلىق زەبۇردا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئاغزىدىن بېشارەت سۈپىتىدە ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.

10:7 زەب. 40‏:7، 8.

10:9 «دېمەك، خۇدا كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» ــ «ئالدىنقىسى» بەلكىم (1) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كونا ئەھدىگە مۇناسىۋەتلىك قۇربانلىقلارنى ياكى (2) كونا ئەھدىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ؛ «كېيىنكىسى» (ياكى «ئىككىنچىسى») بولسا (3) ئەيسا مەسىھنىڭ بىردىنبىر قۇربانلىقى ياكى (4) 9-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە (1) ۋە (4) ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە مۇۋاپىقتۇر. يېڭى ئەھدىنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش»دىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىرادە مەسىھنىڭ بىزنى گۇناھدىن قۇتقۇزىدىغان قۇربانلىق ئۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. دېمەك، بۇ باشقا-باشقا كۆزقاراشلار ئارىسىدىكى پەرقلەر ئانچە چوڭ ئەمەس.

10:10 «ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق» ــ «گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: «مۇقەددەسلەشتۈرۈلدۇق» ياكى «پاك-مۇقەددەس قىلىندۇق». ئىنجىل بويىچە «مۇقەددەس» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەزمۇنى بار: (1) گۇناھدىن پاكلانغان؛ (2) خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان.

10:10 ئىبر. 9‏:12.

10:12 «بىراق، بۇ كاھىن بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، كونا ئەھدە دەۋرىدە كاھىنلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئايىغى يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن دائىم «تۇراتتى» (ئۆرە تۇراتتى، ئىبادەت چېدىرىدا ئورۇندۇق يوق ئىدى). لېكىن ئەيسا بىز ئۈچۈن ئۆزىنى بىرلا قۇربانلىق سۇنغاندىن كېيىن «ئولتۇردى».

10:12 زەب. 110‏:1؛ روس. 2‏:34؛ 1كور. 15‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:20؛ كول. 3‏:1؛ ئىبر. 1‏:13.

10:13 «ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ» ــ 13:2 ۋە «زەب.» 110نى كۆرۈڭ.

10:16 يەر. 31‏:31-34؛ رىم. 11‏:27؛ ئىبر. 8‏:8.

10:17 «...ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ (16-17-ئايەت) «يەر.» 31:31-34.

10:17 يەر. 31‏:33،34.

10:19 يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ رىم. 5‏:2؛ ئ‍ەف. 2‏:13؛ 3‏:12.

10:21 «شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن، ...» ــ «خۇدانىڭ ئائىلىسى» ئېتىقادچى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ.

10:22 «دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان» ــ مۇشۇ سۆزلەر يېڭى ئەھدە ئاستىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ كونا ئەھدە ئاستىدىكىلەر كاھىن تەرىپىدىن قۇربانلىق قانلىرى سېپىلىشى ئارقىلىق «گۇناھلىرى يېپىلغان» ياكى «كافارەت قىلىنغان». ئەمدى يېڭى ئەھدە ئاستىدىكىلەرنىڭ دىللىرى ئەيسانىڭ قۇربانلىق قېنى سېپىلىش بىلەن، ۋىجدانىدا ھېچقانداق بۇلغىنىشلار قالمايدۇ. «بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!» ــ مۇشۇ ئىبارىلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

10:22 ئ‍ەز. 36‏:25.

10:25 «بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى» ــ «شۇ كۈن» مەسىھنىڭ بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىنجىلنى يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر كۈن، يەنى «شۇ كۈن»لا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گرېك تىلىدا 19-25-ئايەتلەر بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

10:26 چۆل. 15‏:30؛ مات. 12‏:31؛ ئىبر. 6‏:4؛ 2پېت. 2‏:20؛ 1يۇھ. 5‏:16.

10:27 «بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس» ــ بۇ مۇھىم ئايەت ئۈستىدە يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

10:28 چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1.

10:30 «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ... «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ»» ــ بۇ سۆزلەر «قان.» 35:32 ۋە 36دىن ئېلىنغان.

10:30 قان. 32‏:35، 36؛ رىم. 12‏:19.

10:32 «ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار» ــ مۇشۇ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ئېتىقادتا چىڭ تۈرغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئەلۋەتتە.

10:34 «چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار» ــ بۇ مەھبۇسلار ئېتىقاد ئۈچۈن زىنداندا ياتقان. «ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ،... خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار» ــ «مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندا» ــ مۇشۇ ئىشنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

10:34 مات. 5‏:12؛ روس. 21‏:33.

10:36 لۇقا 21‏:19.

10:37 «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»... كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ» ــ «يەش.» 20:26، «ھاب.» 3:2.

10:37 ھاب. 2‏:2-3؛ ھاگ. 2‏:7؛ 1پېت. 1‏:6؛ 5‏:10.

10:38 «بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «مېنىڭ ھەققانىي ئادىمىم ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ» دېيىلىدۇ. «بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ»» ــ «ھاب.» 4:2.

10:38 ھاب. 2‏:4؛ رىم. 1‏:17؛ گال. 3‏:11.

10:39 «... بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز» ــ مۇشۇ ئايەتتە «جان» جىسمانىي تەرەپ ئەمەس، بەلكى روھىي تەرەپتىكى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.