5
1ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. 2ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. 3شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. 4ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. 5خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ
«سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن.
6ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ
«سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن.
7 مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. 8گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. 9ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، 10خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى.
ئېتىقادتىن يانماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش
11بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. 12چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر.
13چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. 14بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر.
Notes
■5:3
لاۋ. 9:7؛ 16:6؛ ئىبر. 7:26.
□5:4
«ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ» ــ «مىس.» 1:28دە خاتىرىلەنگەندەك، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئاكىسى ھارۇننى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى باش كاھىنى قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە ئەمر بەرگەن. ھارۇن لاۋىي قەبىلىسىدىن ئىدى.
■5:4
مىس. 28:1؛ 1تار. 23:13؛ 2تار. 26:16.
□5:5
«سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» ــ «زەب.» 7:2.
■5:5
زەب. 2:7؛ روس. 13:33؛ ئىبر. 1:5.
□5:6
«مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىن..» ــ «مەلكىزەدەك» توغرۇلۇق 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ. «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» ــ «زەب.» 4:110.
■5:6
زەب. 110:4؛ ئىبر. 7:17.
□5:7
«مەسىھ يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە...» ــ گرېك تىلىدا «مەسىھ ئەتتە تۇرغان كۈنلەردە...» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.
■5:7
مات. 26:39؛ 27:46،50؛ يـۇھ. 17:1.
■5:8
فىل. 2:6.
□5:9
«مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ،...» ــ «بارلىققا كەلتۈرگۈچى» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يول باشلىغۇچى» ھەم «ئۇل سالغۇچى» دېگەن يەنە ئىككى مەنىنىمۇ تەڭ بىلدۈرىدۇ.
□5:10
«ئۇ (مەسىھ)... خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى» ــ 7-باب 1-، 2-ئايەتلەرگە قارالسۇن. مەلكىزەدەك ئۆزى «يار.» 14-بابتا كۆرۈنىدۇ.
□5:11
«بۇ ئىش توغرۇلۇق...» ــ ياكى «ئۇ توغرۇلۇق...» (يەنى، مەسىھ ھەقتە...).
■5:12
1كور. 3:1، 2، 3.