ئىسرائىل تاغلىرىغا قارىتىلغان بېشارەت
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەپ بېشارەت بەرگىن: ــ
3«ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: رەب پەرۋەردىگار تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرگە، ۋادىلار ۋە جىلغىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچنى چۈشۈرۈپ، «يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن. 4شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قۇربانگاھلىرىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بۇتلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن. 5ئىسرائىللاردىن بولغان ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن.
6سىلەر تۇرغان بارلىق جايلاردا شەھەرلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، «يۇقىرى جايلار» ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھلىرىڭلار ھالاك بولىدۇ، بۇتلىرىڭلار چېقىلىپ يوقىلىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار كېسىلىپ غۇلىتىلىدۇ، ۋە ھەممە ياسىغىنىڭلار يوق قىلىۋېتىلىدۇ؛ 7ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاراڭلاردا يىقىلىشى بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
8بىراق مەن سىلەردىن بىر قالدىنى قالدۇرىمەن؛ چۈنكى يات مەملىكەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ئەللەر ئارىسىدا قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولىدۇ. 9ۋە سىلەردىن قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار سۈرگۈن قىلىنغان مەملىكەتلەردە مەندىن يانغان ۋاپاسىز قەلبلىرى ۋە بۇتلىرىغا پاھىشىۋازلاردەك ھەۋەس قىلغان كۆزلىرى بىلەن باغرىمنى پارە-پارە قىلغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلغان رەزىللىكلىرى ھەم يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. 10ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ مەن مۇشۇ كۈلپەتنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن دېگەنلىكىم بىكاردىن-بىكار ئەمەس».
11رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن!  
12يىراقتا تۇرغان ۋابادىن ئۆلىدۇ؛ يېقىندا تۇرغان قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ ھەم تىرىك قالغان، يەنى مۇھاسىرىگە چۈشكەن كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قەھرىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن. 13ئەمدى ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆز بۇتلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى ئەتراپىدا، ئۆز بۇتلىرىغا خۇشبۇي ياققان ھەر بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە، تاغ چوققىلىرىدا، بارلىق يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا ياتقان چاغدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 14ۋە مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سوزىمەن، ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

Notes


6:2 ئ‍ەز. 36‏:1

6:3 ««يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن» ــ «يۇقىرى جايلار» ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا ئۇزۇندىن بېرى تاغ چوققىلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەرخىل بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەتتا ئاشۇ جايلاردا «ئىنسان قۇربانلىق»لارنى قىلىپ كەلگەن (21:16، 26:20 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).

6:4 ««كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ» ــ «كۈن تۈۋرۈكلىرى» ياكى «قۇياش بۇتلىرى» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىسرىقگاھلار».

6:5 «.... ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن» ــ شۇ چاغدىكى بۇتپەرەسلەر: «قۇربانگاھ»لىرىمىز جەسەتلەر ياكى ئادەم ئۇستىخانلىرىغا تېگىشى بىلەن «بۇلغىنىپ»، «ھارام» بولغان،شۇڭا ئۇنى قايتىدىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايتتى

6:6 ««كۈن تۈۋرۈكلىرى» ــ ياكى «قۇياش بۇتلىرى» دېگەننىڭ باشقا بىر تەرجىمىسى «ئىسرىقگاھلار».

6:11 «... ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» ــ مۇشۇ ھەرىكەتلەر مۇشۇ يەردە كىشىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.

6:11 ئ‍ەز. 21‏:22

6:13 «يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا...» ــ ئىسرائىللار مۇشۇ جايلاردا ئۆلگۈچىلەرنى دەپنە قىلاتتى (مەسىلەن، «يار.» 8:35). مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار كېيىنرەك مۇشۇ جايلارنى «تاۋاپگاھ»غا ئايلاندۇرۇپ، شۇ يەردە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا دۇئا قىلغان. مۇشۇنداق قىلمىشلار تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنغان (مەسىلەن، «قان.» 11:18)

6:14 «ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى جەنۇبىي چۆل-باياۋاندىن رىبلاتقىچە (يەنى، ئىسرائىلنىڭ ئەڭ شىمالىي شەھەرلىرىن بىرى) ۋەيران قىلىۋېتىمەن». ئىبرانىي تىلىدا «دىبلات» بىلەن «رىبلات» يېزىلىشى بىر-بىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، كۆچۈرگۈچى كاتىپلار ئەسلىي تېكىستنىڭ «رىبلات» دېگەن سۆزىنى خاتا كۆچۈرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.