3
1ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئېرىشكىنىڭنى يېگىن؛ بۇ يازمىنى يەپ، بېرىپ ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلغىن، دېدى.
2شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمنى ئاچتىم، ئۇ ماڭا يازمىنى يېگۈزدى. 3ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قورسىقىڭنى توق قىلىپ، ئىچى-باغرىڭنى مەن ساڭا بەرگەن بۇ ئورام يازما بىلەن تولدۇرغىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېدىم، ئاغزىمدا ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق ئىدى. 4ۋە ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسان ئوغلى، بارغىن، ئىسرائىل جەمەتىگە بارغىن، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. 5چۈنكى سەن غەيرىي يېزىقتىكى ياكى تىلى تەس بىر ئەلگە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل جەمەتىگە ئەۋەتىلدىڭ؛ 6ــ غەيرىي يېزىقتىكى ھەم تىلى تەس، سۆزلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆپ ئەللەرگە ئەۋەتىلمىدىڭ؛ مەن سېنى شۇلارغا ئەتەتكەن بولسام، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالاتتى!
7بىراق ئىسرائىل جەمەتى ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قاپىقى توڭ ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر. 8مانا، مەن يۈزۈڭنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە قارشى تاشتەك، ۋە سېنىڭ پېشانەڭنى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىغا قارشى تاشتەك قىلدىم. 9بەرھەق، سېنىڭ پېشانەڭنى چاقماق تېشىدىن قاتتىق، ھەتتا ئالماستەك قىلدىم. ئۇلاردىن قورقما، ۋە ئۇلار تۈپەيلىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر».
10ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا ئېيتماقچى بولغان ھەممە سۆزلىرىمنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغىن، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن. 11ۋە ھازىر بارغىن، سۈرگۈن بولغانلارغا، يەنى ئۆز ئېلىڭدىكىلەرگە سۆز قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن، ئاڭلىمىسۇن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن! ــ دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى، مەن ئارقامدىن زور شارقىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ــ «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئۆز جايلىرىدا ئوقۇلسۇن!» ــ
13ــ ھايات مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ئاۋازى، ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقلارنىڭ ئاۋازلىرى بەھەيۋەت شارقىراق بىر سادا ئىدى. 14ۋە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، يىراققا ئاپاردى؛ ۋە مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا كۈچلۈك ئىدى. 15شۇنىڭ بىلەن مەن تەل-ئابىب شەھىرىدە سۈرگۈن بولغانلار، يەنى كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرغانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم؛ مەن ئۇلار تۇرغان جايدا ئولتۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە كۈن ھاڭ-تاڭ قېتىپ ئولتۇردۇم.
16مانا يەتتە كۈن توشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
17«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىپ تىكلىدىم؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن بولغان ئاگاھنى يەتكۈزگىن.
18مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» ــ دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ ــ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن.
19بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن.
20ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. 21ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن».
22ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا تۇراتتى؛ ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە چىقتىم؛ ۋە مانا، مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن شان-شەرەپتەك، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى؛ كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم. 24ۋە روھ ئىچىمگە كىرىپ مېنى تىك تۇرغۇزدى؛ ئۇ ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «بارغىن، ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈڭنى بەند قىلغىن. 25ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن سەن تالاغا چىقالماي، ئەل-يۇرت ئىچىگە ھېچ كىرەلمەيسەن. 26شۇنداقلا ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈچى بولماسلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 27ۋە مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن؛ كىم ئاڭلايمەن دېسە ئاڭلىسۇن، كىم ئاڭلىمايمەن دېسە ئاڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر.
Notes
■3:1
يەر. 15:16؛ 2:8؛ ۋەھ. 10:9
■3:3
زەب. 19:10-11؛ 119:103؛ ۋەھ. 10:10
■3:4
يەر. 1:17
■3:8
يەر. 1:18؛ مىك. 3:8
■3:9
يەر. 1:8،17؛ 5:3؛ ئەز. 2:6؛ 1پېت. 3:14
■3:11
ئەز. 2:5، 7
□3:12
«شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى،...» ــ «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھى.
■3:12
ئەز. 8:3
□3:14
«مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم،...» ــ ئەزاكىيالنىڭ دەرد-ئەلىمى ۋە روھىنىڭ ئاچچىقلىقى نېمە ئۈچۈن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆز خەلقىنىڭ قاتتىق كۆڭۈللۈكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئىنتايىن ئازابلانغان ۋە ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن.
■3:15
ئايۇپ 2:13
■3:17
يەش. 62:6؛ ئەز. 33:7؛ 1تىم. 3:1
□3:18
«شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ». ئىككىنچى مەنىسى: «ئۇ ئۆز قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنمىغان ھالدا ئۆلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ دوستلۇقىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلىدۇ. بىزنىڭچە ئىككىنچى ئىمكانىيەت بەلكىم توغرىدۇر. بەرىبىر ھەممىمىز ئۆلىمىز؛ بىراق خۇدادىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلۈش، ھەقىقىي ھەم قورقۇنچلۇق ئۆلۈمدۇر.
■3:18
ئەز. 33:8
■3:20
ئەز. 18:24؛ 33:12،13
□3:21
«ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى» ــ بەزى ئالىملار، خۇدانىڭ بۇ سۆزىنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى «ئۆلۈم» ۋە «ھايات» دەپ قارايدۇ. خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىل بىلەن بېكىتكەن ئەھدىسى بويىچە، ئىسرائىللار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدا يۈرگەن بولسا، ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ بەختلىك، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. بىراق بىز بۇ سۆزلەر بەلكىم جىسمانىي تەرەپتىن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، روھىي تەرەپتىنمۇ ئېيتىلغان، دەپ قارايمىز. دېمەك، سۆزلەر مەڭگۈلۈك ھايات ۋە مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە قارىتىلغان. ئۇنداق بولمىسا ھەققانىي ئادەم توغرۇلۇق «ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىي ئىشلىرى ئەسلەنمەيدۇ» دېگەن ئاگاھ سۆزنىڭ نېمە قورقۇنچلۇقى بولسۇن؟
□3:22
«ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى» ــ خۇدا ئەزاكىيال بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر خىلۋەت جاي («تۈزلەڭلىك» ياكى «جىلغا»)غا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
■3:23
ئەز. 1:3
■3:24
ئەز. 2:2
□3:25
«ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ» ــ «ئۇلار» زادى كىم؟ باشقا ئايەتلەرگە قارىغاندا ئەزاكىيالنى «باغلىغانلار» ئەل-يۇرتتىكىلەر ئەمەس؛ شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، بۇ «ئۇلار» پەرىشتىلەردىن ئىبارەت. خۇدا پەرىشتىلەر ئارقىلىق «غايىب ئارغامچىلار» ياكى «روھىي ئارغامچىلار» بىلەن ئەزاكىيال پەيغەمبەرنى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان قىلىدۇ: 4-باب، 8-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
□3:26
«مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن» ــ بۇ «گاچىلىق» ئادەتتىكى گەپ-سۆزنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئارىلىقتا بەرىبىر خۇدا بەرگەن بېشارەتلەرنى ئېيتىش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. شۇڭا خۇدانىڭ مۇشۇ بۇيرۇقى بىلەن ئەزاكىيال خەقلەر بىلەن ھېچ سالاملاشمايتتى، ئادەتتىكىدەك گەپلەرنىمۇ قىلالمايتتى. بۇ گاچىلىق بەش يىلدىن كېيىن، 27:24-ئايەتتە تۈگەيدۇ.
■3:26
ئەز. 2:5
□3:27
«مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن...» ــ بۇ ئىككى ئايەت (26-27)كە قارىغاندا، خۇدا ئۆزى پەيغەمبەرنىڭ «گاچىلىقى»نى گاھى-گاھى ئۈزىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەزاكىيال خەلقكە سۆز قىلىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ ھېچ گەپ قىلالمايتتى.
■3:27