122
122-كۈي •••• يېرۇسالېمنىڭ بەختىدىن خۇشال بولۇش
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە،
شادلاندىم.
2پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم!
3ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛
4قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ،
ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛
ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ.
5چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى،
داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى.
6يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛
سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ.
7ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن،
ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن!
8قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن،
مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن.
9پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن،
سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن!
Notes
□122:4
«قەبىلىلەر.. . ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە... چىقىدۇ» ــ بۇ يوليورۇق-كۆرسەتمە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. ھېيت كۈنلىرىدە (يىلدا ئۈچ قېتىم) ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەركەكلىرى (قىز-ئاياللار ئىختىيارەن) يېرۇسالېمغا چىقىپ ئىبادەت قىلىشى كېرەك ئىدى.
□122:6
«يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «يېرۇشالوم»نىڭ «شالوم»ى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار». «شالوم» «تىنچ-ئامانلىق»، «يېرۇشالوم» بولسا «تىنچ-ئامانلىق شەھەر» دېگەن مەنىدە (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، ئەرەب تىلىدا «سالام»).