6
ناسارەتلىكلەرنىڭ ئۇنى چەتكە قېقىشى
مات. 13:53-58؛ لۇقا 4:16-30
1ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. 2شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ:
ــ بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟ 3ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى. 4شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى. 6ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى.
ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى ئەۋەتىشى
مات. 10:1، 5-15؛ لۇقا 9:1-6
7ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى.
ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛ 8ۋە ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار، 9پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 10ئۇ يەنە:
ــ بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، كىمنىڭ ئۆيىگە قوبۇل قىلىنىپ كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار. 11قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى. 13ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى.
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلۈمى
مات. 14:1-12؛ لۇقا 9:7-9
14ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى. 15باشقىلار: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى.
16بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود:
ــ مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ــ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! ــ دېدى.
17-18ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا تەنبىھ بېرىپ: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى.
19شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى. 20چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.
21ئەمما ھېرودىيە كۈتكەن پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛ 22ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. 23ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە:
ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى.
24قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن:
ــ نېمە تەلەپ قىلاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، ــ دېدى.
25قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ:
ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى.
26پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى. 27شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، 28ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. 29بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى.
ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى ئوزۇقلاندۇرۇشى
مات. 14:13-21؛ لۇقا 9:10-17؛ يـۇھ. 6:1-14
30قايتىپ كەلگەن روسۇللار ئەيسانىڭ يېنىغا يىغىلدى، نېمە قىلغانلىرى ھەم نېمە تەلىم بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. 31كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپلىكىدىن ئۇلارغا تاماقلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا:
ــ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىڭلار، ــ دېدى. 32بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر چۆل يەرگە قاراپ ماڭدى. 33بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى تونۇۋېلىۋىدى، ئەتراپتىكى بارلىق شەھەرلەردىن پىيادە يولغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ يىغىلىشتى. 34ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.
35كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. 36خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، ــ دېدى.
37لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى.
مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن:
ــ ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى.
38ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن:
ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى.
39ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. 40خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى. 41ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى. 42ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. 43 مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. 44نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى.
ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى
مات. 14:22-33؛ يـۇھ. 6:16-21
45بۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغىچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. 46ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. 47كەچ كىرگەندە، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇرۇقلۇقتا ئىدى. 48ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. 49لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى. 50چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى.
لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا:
ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
51ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛ 52چۈنكى ئۇلار نان بېرىش مۆجىزىسىنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى بىخۇد ھالەتتە تۇراتتى.
53ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى. 54ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، خالايىق ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ، 55ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى.
56ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.
Notes
■6:1
مات. 13:53؛ لۇقا 4:16.
□6:3
«ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى...» ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئادەملەر ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇلۇشى كېرەك ئىدى. يالغۇز ئانىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزى بىرخىل ھاقارەت ئىدى.
■6:3
يـۇھ. 6:42.
■6:4
مات. 13:57؛ لۇقا 4:24؛ يـۇھ. 4:44.
■6:5
مات. 13:58.
■6:6
مات. 9:35؛ لۇقا 13:22.
□6:7
«ناپاك روھلار» ــ جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.
■6:7
مات. 10:1؛ لۇقا 6:13؛ 9:1.
□6:8
«خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى».
□6:9
«ئەيسا ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار، پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى» ــ (9-10-ئايەت) قىزىقارلىق يېرى شۇكى، «ماتتا» ۋە «لۇقا»دا خاتىرىلەنگەن بايانلار بويىچە رەببىمىز ئۇلارغا ھاسا ئېلىۋېلىش ۋە كەش كىيىشنىمۇ مەنئى قىلغان. پىكرىمىز تېخى مۇقىملاشمىغىنى بىلەن ئويلايمىزكى، «ماتتا» بىلەن «لۇقا» ۋە «ماركۇس»تا بەلكىم ئىككى ئايرىم ۋاقىت-ئەھۋال كۆرسىتىلىدۇ.
■6:9
روس. 12:8.
□6:10
«كىمنىڭ ئۆيگە قوبۇل قىلىنىپ كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار» ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇ-ئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك.
□6:11
«ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار!» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن بۇ ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.
■6:11
مات. 10:14،15؛ لۇقا 9:5؛ 10:12؛ روس. 13:51؛ 18:6
□6:13
«ئۇلار ... نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى» ــ «مەسىھ قىلىش» مۇشۇ يەردە ئادەمنىڭ بېشىغا زەيتۇن مېيىنى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■6:13
ياق. 5:14.
□6:14
«ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ...» ــ «ھېرود»لار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «... ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم ... چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر...» دەيتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ قالدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ... چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر...» ــ دېيىشەتتى».
■6:14
مات. 14:1؛ لۇقا 9:7.
□6:17-18
«چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا تەنبىھ بېرىپ: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى» ــ ھېرود ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى فىلىپتىن تارتىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى ئاجرىشىشقا قايىل قىلىپ، ھېرودىيە بىلەن ئۆزى توي قىلغانىدى. يەھيانى تۇتۇش «ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن» ــ بەلكىم ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەلىپىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» ــ تەۋراتتىكى «لاۋ.» 18:16، 21:20دە، بىرسىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ھايات ئەھۋالدا، بىرىنىڭ ئايالىنى يەنە بىرى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
■6:17-18
مات. 14:3؛ لۇقا 3:19؛ 9:9؛ لاۋ. 18:16؛ 20:21.
□6:20
«ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ...» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «مۇقەددەس» دېگەننىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ» ئەمەس، بەلكى «پاك»، «خۇداغا ئاتالغان»دۇر. «ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇنىڭ ئورنىدا: «ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى» ياكى «ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆپ ئىشلارنى قىلاتتى» دېيىلىدۇ.
■6:20
مات. 14:5؛ 21:26.
■6:21
يار. 40:20؛ مات. 14:6.
□6:22
«ھېرودىيەنىڭ قىزى» ــ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «... ئۇنىڭ قىزى ھېرودىيە» دېيىلىدۇ. ئۇنداق تەرجىمە توغرا بولسا، ھېرودىيەنىڭ قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇشى ئاجايىب ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.
■6:23
ھاك. 11:30.
□6:27
«...پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ...» ــ ياكى «...پادىشاھ دەرھال بىر قاراۋۇل ئەۋەتىپ...».
■6:27
مات. 14:10.
■6:30
لۇقا 9:10.
■6:31
مار. 3:20.
■6:32
مات. 14:13؛ لۇقا 9:10؛ يـۇھ. 6:1.
■6:34
يەر. 23:1؛ ئەز. 34:2؛ مات. 9:36؛ 14:4؛ لۇقا 9:11.
■6:35
مات. 14:15؛ لۇقا 9:12؛ يـۇھ. 6:5.
□6:37
«ئىككى يۈز كۈمۈش دىنار» ــ بىر كۈمۈش دىنار (گرېك تىلىدا «دىنارىئۇس») بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئىدى («مات.» 2:20نى كۆرۈڭ).
■6:38
مات. 14:17؛ لۇقا 9:13؛ يـۇھ. 6:9.
□6:40
«خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى» ــ گرېك تىلىدا «خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ يېتىشتى».
■6:41
1سام. 9:13؛ يـۇھ. 17:1.
□6:43
«مۇخلىسلار ... تېرىۋالدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ... تېرىۋالدى». «ئۇلار»نىڭ مۇخلىسلار ئىكەنلىكى «مات.» 9:16-10دە ئىسپاتلىنىدۇ. «ئون ئىككى سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «ئون ئىككى قول سېۋەت» ــ دېمەك، بىر ئادەم ئىككى قوللاپ كۆتۈرەلەيدىغان سېۋەتلەر.
□6:45
«بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ...» ــ ياكى «بەيت-سائىدا يېزىسىدىن ئۆتۈپ...».
■6:45
مات. 14:22؛ يـۇھ. 6:17.
■6:46
مات. 14:23؛ لۇقا 6:12.
■6:47
مات. 14:23؛ يـۇھ. 6:16.
□6:48
«كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ...» ــ بىر كېچە تۆت جېسەككە بۆلۈنەتتى؛ شۇڭا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاتاي دېگەن ۋاقىت ئىدى. «ئۇ ... ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى» ــ ياكى «ئۇ ... ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى». بۇ ئىنتايىن قىزىق ئىش. مۇمكىنچىلىكى باركى، (1) ئەيسانىڭ «ئۆتۈپ كېتىش»ى ــ مۇخلىسلارغا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ (ئىسرائىللارنىڭ) يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىش»ىنى ئەسلەتمەكچى، ياكى (2) ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى كېمىگە چىقىپ ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلىشىنى خالايتتى.
■6:53
مات. 14:3.