20
ئەيسانىڭ تىرىلىشى
مات. 28:1-10؛ مار. 16:1-8؛ لۇقا 24:1-12
1ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 2شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا:
ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى.
3پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. 4ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. 5ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. 6ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، 7شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.
8ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى 9(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). 10شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى.
ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى
مار. 16:9-11
11ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، 12مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.
13ئۇلار مەريەمدىن:
ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
14ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.
15ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ:
ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى.
16مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا:
ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە).
17 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى
مات. 28:16-20؛ مار. 16:14-18؛ لۇقا 24:36-49
19شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا:
ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 20بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. 21شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى.
22بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ:
ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. 23كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى.
ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى
24ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 25شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا:
ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى.
26سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ:
ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 27ئاندىن ئۇ توماسقا:
ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى.
28توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
29ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
ئۇشبۇ كىتابنىڭ مەقسىتى
30ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. 31لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.
Notes
□20:1
«ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ يەنى يەكشەنبە كۈنى. «ماگداللىق مەريەم... قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى» ــ قەبرە ئۆڭكۈر ئىدى («مات.» 60:27، «لۇقا» 53:23).
■20:1
مات. 28:1؛ مار. 16:1؛ لۇقا 24:1.
□20:2
«ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق!» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بىز» ئىسپاتلايدۇكى، ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار»دا ئېيتىلغاندەك، ئەسلىدە مەريەم بىلەن بىللە يەنە باشقا ئاياللارمۇ بار ئىدى («مات.» 1:28، «مار.» 1:16-2. «لۇقا» 54:23-1:24نى كۆرۈڭ).
■20:2
يـۇھ. 13:23؛ 21:7،20.
■20:3
لۇقا 24:12.
■20:5
يـۇھ. 19:40.
■20:7
يـۇھ. 11:44.
□20:8
«ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى» ــ «ھېلىقى مۇخلىس» (يۇھاننا) نېمىگە ئىشەندى؟ ئۇ شۇ كېپەنلەرنى ۋە ياغلىقنىڭ شۇنداق رەتلىك قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى ھېچكىم ئوغرىلىمىدى، بەلكى ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلدى، دەپ ئىشەندى.
□20:9
«ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشى..» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن تىرىلىشى...». «ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت...» ــ بىز باشقا يەرلەردە كۆرسەتكىنىمىزدەك، تەۋرات-زەبۇردا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن بېشارەتلەر باردۇر.
■20:9
زەب. 16:10؛ روس. 2:25،31؛ 13:35.
□20:10
«شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى» ــ «ئۆز تۇرالغۇلىرىغا» گرېك تىلىدا «ئۆزلىرىنىڭكىگە» ياكى «ئۆزلىرىنىڭكىلەرگە».
■20:11
مات. 28:1؛ مار. 16:5؛ لۇقا 24:4.
■20:14
مات. 28:9؛ مار. 16:9.
□20:17
«ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن!.. دېدى» ــ «ماڭا ئېسىلمىغىن!» ياكى «ماڭا قول تەگكۈزىۋەرمە». كېيىنكى سۆزلەر بۇنىڭ مەنىسىنىڭ «ئېسىلمىغىن» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن» ــ ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى توغرۇلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئېيتقان بۇ مۇھىم سۆزلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
■20:17
زەب. 22:22؛ مات. 28:10؛ يـۇھ. 16:2؛ ئىبر. 2:11.
■20:18
مات. 28:8؛ مار. 16:10؛ لۇقا 24:9.
□20:19
«سىلەرگە خاتىرجەملىك بولغاي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيقۇم!» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم».
■20:19
مار. 16:14؛ لۇقا 24:36؛ 1كور. 15:5.
■20:20
يـۇھ. 16:22.
■20:21
يەش. 61:1؛ مات. 28:19؛ مار. 16:15؛ لۇقا 4:18؛ يـۇھ. 17:18.
□20:23
«كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ!» ــ بۇ روسۇللارنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق ھوقۇق پەقەت خۇداغىلا تەۋەدۇر. «مات.» 19:16 ۋە 18:18نى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە، بۇ «گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش» جامائەتنىڭ تەرتىپىگە باغلىقتۇر. ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتكە قاتنىشىۋېرەمدۇ؟ رەببىمىز «مات.» 15:18-20دە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئەمر بېرىدۇ؛ بۇ ئەمر بويىچە جامائەتنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ئەمما توۋا قىلمىغان قېرىنداشلىرىنى جامائەتتىن چىقىرىش ھوقۇقى باردۇر. «كورىنتلىقلارغا (1) ۋە (2)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ، بولۇپمۇ «2كور.» 11:2 توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈشىمىزنى كۆرۈڭ.
■20:23
مات. 16:19؛ 18:18.
□20:24
««قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس» ــ گرېك تىلىدا ««دىدىمۇس» دەپ ئاتالغان توماس».
■20:27
1يۇھ. 1:1.
□20:28
«مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن!» ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىم!». ھازىر بارلىق مۇخلىسلار مەسىھنىڭ تولۇق سالاھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
■20:29
1پېت. 1:8.
■20:30
يـۇھ. 21:25.