يەھۇدا بىلەن تامار
1ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. 2شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى.   3ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى. 4ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. 5ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى.
6يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 7لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى.
8بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى.
9ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
11يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 12ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى.
13تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى. 14شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى.
15ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. 16ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى.
17ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، 18ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى.
ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى.
19ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى.
20يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. 21ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى.
22بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى.
23يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى.
24ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى.
25لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى.
26يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى.
27ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى. 28ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى.
29لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى.   30ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى.

Notes


38:2 «بىر قانائانىينىڭ قىزى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، قانائانىيلار ئىمانسىز ۋە ئەخلاقسىز بىر خەلق ئىدى.

38:2 1تار. 2‏:3.

38:5 چۆل. 26‏:20.

38:8 «قېرىنداشلىق بۇرچى» ــ قەدىمكى زامانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، بىرسى ئۆز مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا بىر ۋارىس پەرزەنت قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايالىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايالدىن پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭكى ئەمەس، بەلكى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ھېسابلىناتتى. كېيىن بۇ ئىشنى مۇسا پەيغەمبەر يەھۇدىيلارغا قانۇن دەپ بېكىتكەن («قان.» 5:25-10).

38:15 «بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ» ــ شۇ ۋاقىتلاردا پاھىشە ئايالار يۈزىنى ئېتىۋالاتتى؛ توي قىلغان ئاياللار ۋە قىزلار ئادەتتە چۈمبەلسىز يۈرەتتى. پەقەت توي قىلىدىغان لايىقى ئالدىدىلا قىزلار يۈزىنى يېپىۋالاتتى (65:24نى كۆرۈڭ).

38:21 «بۇتپەرەس پاھىشە» ــ قانائانىيلار ئارىسىدا بۇتپەرەسلىكنىڭ پاھىشىۋازلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. «كىم بۇنداق «بۇتپەرەس پاھىشە» بىلەن بىللە بولسا، ئۇنىڭغا بۇتتىن بىر بەخت-بەرىكەت كېلىدۇ» دەپ قارىلاتتى.

38:26 «ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر» ــ تامارنىڭ بۇ ئىشلاردا بولۇش مەقسىتى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. يەھۇدا ئەسلىدە «مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۇناھكارمەن» دېيىشكە توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە.

38:27 1تار. 2‏:4.

38:29 «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ؟ بۇنداق ئىش بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!» (ئەينى سۆز «بۆسۈپ چىقىش» بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!»). «پەرەز» ــ «بۆسۈلگەن جاي» ياكى «بۆسكۈچى» دېگەن مەنىدە.

38:29 مات. 1‏:3.

38:30 «زەراھ» ــ بابىل ياكى ئارامىي تىلىدا «قىپقىزىل» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «پارقىراق» دېگەن مەنىدە. بۇ بابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.