15
مۇسانىڭ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشى
1شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ مۇنۇ كۈينى ئېيتتى: ــ
«مەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتاي،
چۈنكى ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛
ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
2مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛
ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛
ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛
ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن.
3پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر،
ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر.
4پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛
ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى.
5چوڭقۇر سۇلار ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى،
ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتتى.
6سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،
قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى.
7ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ،
سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ،
ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.
8دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن سۇلار دۆڭ بولۇپ ئۆرلىدى،
جۇشقۇنلىغان دولقۇنلار دۆڭ كەبى تىك تۇردى،
دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر سۇلار قاتۇرۇپ قويۇلدى.
9دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن،
ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن،
قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن».
10لېكىن سەن نەپىسىڭ بىلەن پۈۋلىدىڭ،
دېڭىز ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى؛
ئۇلار جۇشقۇنلۇق سۇلاردا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى.
11ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، ئەي پەرۋەردىگار،
كىم سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟
پاك-مۇقەددەسلىك ئىچىدە ئۆز ھەيۋىتىڭنى كۆرسىتىدىغان،
ھەمد-مەدھىيىلەر ئارىسىدا دەھشەتلىك تۇرىدىغان،
مۆجىزە-كارامەت يارىتىدىغان،
سەندەك كىم بولسۇن؟
12سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇزىتىشىڭ بىلەن،
يەر-زېمىن ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.
13لېكىن ئۆزۈڭگە ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان قوۋمنى رەھىمدىللىقىڭ بىلەن باشلاپ چىقتىڭ؛
سەن ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا قۇدرىتىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىپ يېتەكلىدىڭ.
14يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛
فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى.
15ئاندىن ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛
موئابنىڭ پالۋانلىرىنى بولسا، راسا تىترەك باستى؛
قانائان زېمىنىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقتى؛
16قورقۇنچ ۋە دەھشەت ئۇلارنى باستى؛
بىلىكىڭنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلار خۇددى تاشتەك مىدىرلىيالماي قالدى؛
خەلقىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە، ئى پەرۋەردىگار،
ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە.
17ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ،
ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن،
ئۆز ماكانىڭ قىلغان جايغا، ئى پەرۋەردىگار،
ئۆز قوللىرىڭ تەييارلىغان مۇقەددەس جايغا، ئى رەب، ئۇلارنى ئېلىپ بارىسەن.
18پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ!
19چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى،
جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛
پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى،
لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى».
20ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
21مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ
«پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛
ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!».
خۇدا خەلقنى سىنايدۇ ــ ماراھتىكى ئاچچىق سۇ
22ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى. 23ئاندىن ئۇلار ماراھقا يېتىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇ جاينىڭ نامى «ماراھ» دەپ قويۇلغان. 24ئۇ ۋاقىتتا خالايىق: ــ بىز نېمە ئىچىمىز؟ ــ دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى.
25ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر دەرەخنى كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرەخ ياغىچىنى ئېلىپ، سۇغا تاشلىۋىدى، سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا ھۆكۈم-بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئۇلارنى سىناپ، مۇنداق دېدى: ــ 26«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».
27ئاندىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. شۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە سۇلارنىڭ بويىدا چېدىر تىكتى.
Notes
□15:1
«ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى» ــ ياكى «ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى».
■15:1
زەب. 106:12
□15:2
«ياھ» ــ مۇشۇ تەرجىمىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «يەھوۋاھ» دېگەن نامىنى «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» دېگەن بۇ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر.
■15:2
زەب. 18:2؛ زەب. 118:14؛ يەش. 12:2
□15:3
«ياھۋەھ» ــ مۇشۇ تەرجىمىدە بىز خۇدانىڭ «ياھۋەھ» ياكى «جەھوۋاھ» دېگەن نامىنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. مەنىسى «ئەزەلدىن بولغۇچى». 14-3:13 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■15:5
نەھ. 9:11
■15:6
زەب. 118:16،15
□15:8
«دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن» ــ ياكى «قەھرىڭنىڭ روھى بىلەن».
■15:8
يەش. 63:13،12؛ ھاب. 3:10
■15:10
زەب. 74:13؛ 106:11
□15:13
«ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان» ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا «گائال» دېگەن بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ پېئىل توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ماكانىغا».
■15:15
قان. 2:4
□15:16
«ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ» ــ بۇ ئۇقۇم يۇقىرىقى 13-ئايەتتىكى «سەن ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان... خەلقىڭ» دېگەن ئۇقۇمغا يېقىندۇر. «... ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە» ــ بۇ ئايەت بېشارەت بولۇپ: (1) قانائاندىكى خەلق ۋە موئابتىكى ئاھالىلەر خۇدانىڭ خەلقىنىڭ مىسىردىن چىققىنىنى ئاڭلاپ ئۇلاردىن ئىنتايىن قورقىدۇ («يە.» 8:2-11نى كۆرۈڭ)؛ (2) كېيىنكى كۈنلەردە ئىسرائىل قانائان زېمىنىنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن «ئۆتىدۇ». بۇ ئىش بولغۇچە ھېچقانداق باشقا ئەل-مىللەت ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇۋالالمايدۇ (17-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■15:16
قان. 2:25؛ 11:25؛ يە. 2:9
□15:19
«...قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى» ــ بەزى تەرجىمىلەردە مۇسانىڭ بۇ شېئىرى 18-ئايەت بىلەن توختايدۇ.
■15:20
1سام. 18:6
□15:21
«ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى» ــ ياكى «ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى».
□15:23
«ماراھ» ــ «ئاچچىق» دېگەن مەنىدە.
■15:23
چۆل. 33:8
□15:26
«پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى».