1سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر.
2دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ 3شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛ 4شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا دۇئا قىلىڭلار.
5سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار.   6سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر.  
7سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.   8مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر. 9مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ.
10تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ 11يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان.
12سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. 13چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ.
14سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق.
15لائودىكىئادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار.
16بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ 17ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار.
18مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي!  

Notes


4:1 ئ‍ەف. 6‏:9.

4:2 لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ 1تېس. 5‏:17.

4:3 ئ‍ەف. 6‏:19؛ 2تېـس. 3‏:1.

4:5 «سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار» ــ «سىرتتىكىلەر» ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرتىدا تۇرغانلار، تېخى ئېتىقاد قىلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار» ــ «پۇرسەتلەر» بولسا «سىرتتىكىلەر»گە ياخشىلىق كۆرسىتىش، خۇدانىڭ سۆزىنى ئېيتىش، مەسىھگە گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەر.

4:5 ئ‍ەف. 5‏:15، 16.

4:6 «سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر» ــ «تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن» دېگەن جېكىلەش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

4:6 مار. 9‏:50.

4:7 «سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس» ــ «ئىشداش» گرېك تىلىدا «(خۇدانىڭ) قۇللۇقىدىكى ئىشداش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

4:7 روس. 20‏:4؛ ئ‍ەف. 6‏:21؛ 2تىم. 4‏:12.

4:9 فلم. 10.

4:10 روس. 15‏:37؛ 27‏:2؛ 2تىم. 4‏:11.

4:11 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان» ــ «سۈننەت قىلىنغانلار» ــ يەھۇدىيلار. دېماس ۋە لۇقا (14-ئايەتتە) «يات ئەللەر»دىن ئىدى.

4:12 كول. 1‏:7؛ فلم. 23.

4:13 «...ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ» ــ بۇ «جاپا تارتىش» بولسا دۇئالىرىدا. تېكىستتىكى باشقا بىر كونا كۆچۈرمىدە: «... ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خىراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ قىزغىنلىقى باردۇر» دېيىلىدۇ.

4:14 2تىم. 4‏:10،11

4:15 «نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار» ــ نىمفا بىر ئايالنىڭ ئىسمى ئىدى. تېكىستتىكى بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «نىمفاس» (ئەرنىڭ ئىسمى) دېيىلىدۇ.

4:16 «بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەت» ئەسلى پاۋلۇسنىڭ «ئەفەسۇسلۇقلارغا» يازغان خېتىدۇر. «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

4:18 «مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام» ــ دېمەك، خەتنىڭ باشقا يەرلىرى كاتىپلىق قىلغان قېرىندىشىنىڭ قولىدا يېزىلغان. پاۋلۇسنىڭ كۆزلىرى ئاجىز بولۇشى مۇمكىن («2كور.» 6:12-10، «گال.» 15:4). «مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار» ــ دېمەك، دۇئا-تىلاۋەتلىرىڭلاردا ئەسلەڭلار.

4:18 2تېـس. 3‏:17؛ ئىبر. 13‏:3.