يۇھاننا «1»
«روسۇل يۇهاننا يازغان بىرىنچى مەكتۇپ» •••• ئەيسا مەسىھ ــ ھاياتلىق كالامىدۇر
1ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا سىلەرگە بايان قىلىمىز 2(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) 3ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر. 4سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.
خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا پاك ياشاش
5ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. 6ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 7لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.   8ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.    10ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.

Notes


1:1 لۇقا 24‏:39؛ يـۇھ. 20‏:27؛ يـۇھ. 1‏:1، 14؛ 2پېت. 1‏:16.

1:2 «شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدائاتىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەر بۇ خەتتە «ئاتا» ۋە «ئوغۇل» دېگەن سۆزلەرنى كۆرسە، خۇدائاتا ۋە خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ كالامى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.

1:3 «سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر» ــ «سىرداش-ھەمدەملىك» دېگەنلىك ئىنجىلدا بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ.

1:4 «سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز تولۇپ تاشسۇن دەپ... » دېيىلىدۇ.

1:5 يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 9‏:5؛ 12‏:35، 36.

1:6 «ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز» ــ «ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز» گرېك تىلىدا «ھەقىقەتنى قىلمايمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:7 «لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ» ــ «ئۇ ئۆزى» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، خۇدانى كۆرسىتىدۇ.

1:7 ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:5.

1:8 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 9‏:2؛ زەب. 143‏:2؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20.

1:9 «گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» ــ نېمىشقا روسۇل «ئۇ (خۇدا) ... ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» دەيدۇ؟ (1) خۇدا «مۇقەددەس بەندىلىرىنى ئېتىقادى تۈپەيلىدىن كەچۈرۈم قىلدىم» دېسە، ئۇ سۆزىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ (2) خۇدا ئادىل سوتچى بولۇپ، گۇناھنى جازالىماي قويمايدۇ. شۇڭا بىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان قۇربانلىقىمىز گۇناھسىز ئەيسا مەسىھكە قويغان؛ ئۇ بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئۆلدى. شۇڭا يۇھاننا ««خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشكە... ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر» دەيدۇ. خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشى بىلەن ئىش توختىمايدۇ، ئەلۋەتتە؛ ئۇ يەنە بىزنى «بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىدۇ».

1:9 زەب. 32‏:5؛ پەند. 28‏:13.