ئېغىر بىر گۇناھ
1ھەرتەرەپتىن شۇ ئاڭلىنىۋاتىدۇكى، ئاراڭلاردا بۇزۇقچىلىق بار ئىكەن ــ بۇنداق بۇزۇقچىلىق ھەتتا تائىپىلەر ئارىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ ــ ئۇ بولسىمۇ بىرسىنىڭ ئۆز ئاتىسىنىڭ ئايالىغا چېقىلىشتىن ئىبارەت. 2ئەمما سىلەر يوغىناپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار! بۇ رەزىل ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئارىمىزدىن قوغلىۋېتىلسۇن دەپ ئۆكۈنۈشۈڭلارغا توغرا كەلمەمدۇ!؟ 3چۈنكى گەرچە تەندە سىلەر بىلەن بىللە بولمىساممۇ، ئەمما روھتا سىلەر بىلەن بىللە بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان شۇنداق مەن شۇ ھۆكۈمنى چىقاردىمكى، 4(ھەممىڭلار رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا جەم بولغاندا، ئۆزۈمنىڭ روھىم سىلەر بىلەن بولۇپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ) ــ
5شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن.   6سىلەرنىڭ چوڭچىلىق قىلغىنىڭلار ياخشى ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ» دەپ بىلمەمسىلەر؟
7كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دىكى قوزىمىز بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛ 8شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى.  
9مەن ئالدىنقى خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛ 10ئەمما بۇ دېگىنىم بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، ياكى نەپسانىيەتچىلەر، ياكى كاززاپلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئارىلاشماڭلار دېگىنىم ئەمەس؛ ئۇنداق بولغاندا دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار؛ 11ئەمما ھازىرقى بۇ خېتىمدە يازغىنىم شۇكى، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان ئەمما شۇنداقلا بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، نەپسانىيەتچى، بۇتپەرەس، ھاراقكەش ياكى كاززاپ بولسا، ئۇنداق بىر كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماڭلار.    12سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟ 13لېكىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئۈستىگە بولسا خۇدا ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار».  

Notes


5:1 لاۋ. 18‏:8؛ قان. 27‏:20.

5:5 «شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلسۇن» ــ بۇ ئىش (باشقىچە ئېيتقاندا، «شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇش») توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بەزى ئالىملار «ئەتلىرى» دېگەننى روھىي جەھەتتىن چۈشەندۈرىدۇ، دېمەك، بۇ ئىش كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى، ياكى كورىنتتىكى پۈتكۈل جامائەتتە «گۇناھلىق تەبىئىتىدىن چىققان ئىشلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز مۇشۇ يەردىكى «ئەتلىرى»نى جىسمانىي جەھەتتىن چۈشىنىمىز. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇنىڭ ئاساسىنى كۆرسىتىمىز.

5:5 1تىم. 1‏:20.

5:6 گال. 5‏:9.

5:7 يەش. 53‏:7؛ يـۇھ. 1‏:29؛ 1كور. 15‏:3.

5:8 «شۇڭا ھېيتنى يامان نىيەتلىك ۋە رەزىللىك بولغان خېمىرتۇرۇچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت بولغان پېتىر نان بىلەن تەنتەنە قىلىپ ئۆتكۈزەيلى» ــ ئىسرائىلنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»، ئۇنىڭدىن كېيىنكى «پېتىر نان ھېيتى» ۋە ئۇلارنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.

5:8 مىس. 12‏:3،15؛ قان. 16‏:3.

5:9 قان. 7‏:2؛ مات. 18‏:17؛ 2كور. 6‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:11؛ 2تېـس. 3‏:14.

5:11 «ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان...» ــ «قېرىنداش» ــ ئۆزىنىڭ ئېتىقاد يولىدا قېرىنداش دەپ ئاتالغان.

5:11 چۆل. 12‏:14؛ مات. 18‏:17؛ 2تېـس. 3‏:14؛ 2يۇھ. 10.

5:12 «سىرتتىكىلەرنى ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ لېكىن ئىچىڭلاردىكىلەرنى ئۆزۈڭلار ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەسمۇ؟» ــ «سىرتتىكىلەر» جامائەتتىن سىرت تۇرغانلارنى، «ئىچىدىكىلەر» جامائەتنىڭ ئىچىدە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

5:13 «بۇ رەزىل ئادەمنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار» ــ مۇشۇ سۆزلەر تەۋرات، «قان.» 7:17، 9:19، 2:22، 7:24دىن ئىلىنغان.

5:13 قان. 17‏:7