7
سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ •••• شۇلامىت سۇلايمان ئۈچۈن «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ
1«ئى شاھزادىنىڭ قىزى،
كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!
تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك،
چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر.
2كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛
ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛
قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر،
ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ.
3ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛
4بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛
كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك،
بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛
5ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛
بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر،
پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر.
6ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن!
7سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك،
كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر.
8مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن،
شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛
كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك،
بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...».
شۇلامىت سۆز قىلىپ، سۇلايماننىڭ گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ
9
«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ،
لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!
10مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن،
ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ».
ئون بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يوقلاشقا بولغان ئارزۇسى •••• {7:11-8:4} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ
11«ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى،
ئېتىزلارغا چىقايلى؛
يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،
12ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى،
ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى،
چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى،
ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛
ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن.
13مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛
ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر،
يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛
سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»
Notes
□7:1
«كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!» ــ ياكى «كەشلىرىڭدە سېنىڭ پۇتلىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!».
□7:2
«كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر» ــ بەزى ئالىملار «كىندىكىڭ» دېگەن سۆز جىنسىي يولىنى، ياكى تەننىڭ تۆۋەن قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولسا شۇلامىت سۇلايمان ئالدىدا يالىڭاچ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. «...ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛..» ــ «ئەبجەش شاراب» پەلەستىندە ئادەمنى ئەڭ مەست قىلىدىغان شاراب ھېسابلىناتتى.
□7:5
«پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر» ــ ئۇلۇغ سۇلايمان پادىشاھ يېزىدىكى بىر قىزغا «ئەسىر بولدى»! مۇھەببەتنىڭ كۈچى زوردۇر!
□7:7
«سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر» ــ «پالما دەرىخى»نىڭ ئۆزى ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. شۇلامىت ئېگىز بويلۇق ۋە زىلۋا، «ھوسۇللۇق» دەپ قارالغان ئوخشايدۇ.
□7:8
«پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك...» ــ پالما دەرىخىنىڭ خورمىلىرىنى ئۈزۈش ياكى گۈللىرىنى چاڭلاشتۈرۈپ مېۋىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يامىشىپ چىقىشى كېرەك. سۇلايمان بۇ ئوخشىتىشتا بەلكىم ئىككىلا مەنىسىنى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىدۇ. ھازىر شۇلامىت بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. «...بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...» ــ «ئالمىلار» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۆرۈكلەر».
□7:9
«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!» ــ ئىبرانىي تىلىدا چۈشىنىش بەك تەس، باشقا كۆپ تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى ئېنىقكى، شۇلامىت سۇلايماننىڭ «مۇھەببەتلىشەيلى» دېگەن تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.
□7:10
«(10-1-ئايەت) شەرھى» ــ 9-10-ئايەتتە شۇلامىت سۇلايماننىڭ «مۇھەببەتلىشەيلى» دېگەن تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.
□7:11
«ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، *ئېتىزلارغا چىقايلى؛ *يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،...» ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يەنە كۆرگۈسى، شۇ يەردە سۇلايمان بىلەن دالادا مۇھەببەتلەشكۈسى بار ئىدى. 12-13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
□7:13
«مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ» ــ «مۇھببەتگۈل» دېگەن گۈل جىنسىي مۇھەببەتنى قوزغايدىغان بىرخىل گۈل. «ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، ...سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) خەلقلەر «ئىشىك ئۈستى»دىكى بىر جازا ئۈستىدە ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەرنى ساقلايدۇ.