133-كۈي •••• بىرلىكنىڭ بەختى
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر!
2ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك،
ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ،
كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛
3ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛
چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ
يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان!

Notes


133:2 «ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ» ــ ھەزرىتى ھارۇننى باش كاھىن قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن، ئۇ ئالاھىدە پۇراقلىق مەخسۇس ماي بىلەن «مەسىھ قىلىنغان». تەۋرات، «مىس.»، 22:30-38-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.

133:3 «ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ....» ــ «ھەرمون تېغى» پەلەستىندىكى ئەڭ ئېگىز تاغ بولۇپ، ئەتراپىدا ھەركۈنى چۈشكەن شەبنەم ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەممە جانىۋارنى جانلاندۇرىدۇ. ئۇ زىئون تاغلىرىدىن 300 كىلومېتر يىراق. زىئون تېغىغا چۈشىدىغان شەبنەم ئازدۇر؛ مول شەبنەم زىئونغا چۈشسە، ئۇ زور ۋە ئاجايىب بەرىكەت بولاتتى، ئەلۋەتتە.