132
132-كۈي •••• خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇدانىڭ داۋۇتقا بولغان ۋەدىسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛
2ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن،
ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ
3-5«پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى،
ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە،
ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن،
كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن،
كۆزۈمگە ئۇيقۇنى،
قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن».
6مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛
ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛
7ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى،
ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛
8ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار،
سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن،
ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن!
9كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن،
مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن!
10قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن،
ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛
11پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى،
ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ
ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛
12پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى،
ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا،
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن.
13چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛
ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان.
14مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛
مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛
چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن.
15مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛
ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛
16ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن،
ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ.
17مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛
ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛
18ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛
ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى.
Notes
□132:1
«ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛....» ــ بۇ كۈي بىرىنچىدىن، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىبادەتخانا قۇرۇشقا ئىچكەن قەسىمىنى بىلدۈرىدۇ ھەم شۇ چاغدىكى خۇدانىڭ داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ قىلغان ۋەدىسىنى («2سام.» 7-باب) ئەسلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، داۋۇتنىڭ كېيىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىم (يەنى ئەفراتاھ، ئۆز يۇرتى بولغان بەيت-لەھەمگە يېقىن) دېگەن جايدىن ئەكىلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا يېرۇسالېمغا كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. بۇ كۈي بەلكىم داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى (سۇلايمان ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرسى) پادىشاھ بولغاندا قىلغان دۇئاسى بولۇشى مۇمكىن. «داۋۇت ... تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالار» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم داۋۇتنىڭ خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ئۆينى ياساشقا بولغان ئەجىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■132:3-5
1تار. 15:1
□132:6
«... بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق» ــ «ئۇنىڭ خەۋىرى» بەلكىم بىرىنچىدىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن بېشارەتلىك ھالدا مەسىھنىڭ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق» ــ ياكى «ئۇنى يائارنىڭ ئېتىزلىرىدىن تاپتۇق». «يائار» «كىرىئات-يېئارىم» بولۇشى مۇمكىن («1سام.» 1:7نى كۆرۈڭ).
□132:10
«قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن» ــ بەلكىم داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغان ئەۋلادى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى. خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى» توغرۇلۇق يۇقىرىقى 2-كۈي ۋە ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
■132:11
2سام. 7:12؛ 1پاد. 8:25؛ 2تار. 6:16؛ لۇقا 1:69
■132:14
زەب. 68:16؛ 132:8
■132:16
2تار. 6:41
■132:17
لۇقا 1:69