بىلداد يەنە سۆزلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى
1شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2«ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛
ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ.
3ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟
ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟
4ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟
ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟
5مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە،
يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە،
6قۇرت بولغان ئىنسان،
سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟».   

Notes


25:2 «ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ» ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرى بەلكىم شەيتاننىڭ ئەسلىدە خۇداغا قارشىلىق قىلىپ ئەرشتە ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن خۇدانىڭ شەيتاننى ئەرشتىن ھەيدىۋېتىپ، ئەرشتىكى ئىشلارنى قايتىدىن تەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

25:4 ئايۇپ 4‏:17، 18، 19؛ 15‏:14، 15، 16

25:5 ئايۇپ 15‏:15

25:6 «سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟» ــ دوستلىرىنىڭ ئايۇپقا ئەڭ ئاخىرى بەرگەن جاۋابى بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدۇر. ئۇنىڭ بايانى بەك قىسقا بولۇپ، «يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى» توغرىسىدا گەپ قىلمايدۇ، پەقەتلا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ. قارىغاندا ئۇلار يەنىلا ئايۇپنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان سۆزلىرىگە جاۋاب تاپالمايدۇ.

25:6 ئايۇپ 4‏:19؛ زەب. 22‏:6