ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىدۇ ــ «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىقتۇرمەن»
1كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 2ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 3مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.   4سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر.
5توماس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، يولنى قانداق بىلىمىز؟ ــ دېدى.
6ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.   7ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، ــ دېدى.
8ــ ئى رەب، ئاتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلا، شۇ كۇپايە، ــ دېدى فىلىپ.
9ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟ 10مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 11مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.
12بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.    13ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 14مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن».
ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىشى؛ ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى
15ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 16مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
18مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 19ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 20شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر. 21كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن». 22يەھۇدا (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ئۇنىڭدىن:
ــ ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟ ــ دەپ سورىدى.
23ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئاتام بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. 24مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر. 25مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 26لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.
27سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار.  
28سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر. 29سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم.    30مۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپ سۆزلەشمەيمەن؛ چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ.    31لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ مېنىڭ ئاتىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى».  

Notes


14:2 «ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار» ــ بۇ سۆزلەر جەننەتنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئەيسا 2-بابتا ئۆز تېنىنى «خۇدانىڭ ئۆيى» (ئىبادەتخانا) دەپ سۈرەتلىدى، شۇنداقلا 35:8دە «خۇدانىڭ ئۆيى»نى روھىي جەھەتتىن تىلغا ئالدى. بۇنىڭغا قارىغاندا «تۇرالغۇ-ماكان»نى روھىي جەھەتتىن چۈشىنىش كېرەك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرىسىدا توختىلىمىز.

14:3 «مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر» ــ مەسىھنىڭ بۇ «قايتىپ كېلىش»ى مەسىھنىڭ قىيامەتتە دۇنياغا كېلىشى ياكى مۇقەددەس روھنىڭ ئەۋەتىلىشىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ئۈچىنچى ئايەت ئۈستىدىمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

14:3 يـۇھ. 12‏:26؛ 17‏:24.

14:6 «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ» ــ مەسىھ ئۈچۈن ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان يول كرېستتىكى ئۆلۈم ئارقىلىق بولاتتى؛ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن، مەسىھنىڭ ئۆزى ئاتىنىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولدۇر.

14:6 يـۇھ. 1‏:4، 17؛ 10‏:9؛ 11‏:25؛ ئىبر. 9‏:8.

14:9 يـۇھ. 10‏:30.

14:10 يـۇھ. 5‏:17؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 10‏:38؛ 12‏:49؛ 16‏:13؛ 17‏:21.

14:11 «... ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار» ــ 11- ۋە 12-ئايەتلەردە «ئەمەللەر» ئەيسا ياراتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر.

14:12 «ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن» ــ بۇ «تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەر» ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

14:12 مات. 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6؛ روس. 5‏:12؛ 19‏:11.

14:13 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22.

14:15 يـۇھ. 14‏:21، 23؛ 15‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:3.

14:16 «مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ» ــ مۇھىم سۆز «باشقا بىر ياردەمچى»دۇر. بىرىنچى «ياردەمچى» بولسا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. «ياردەمچى» گرېك تىلىدىكى «پاراكلېتوس» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. گرېك تىلىدىكى «پاراكلېتوس»نىڭ تولۇق مەنىسى «مەلۇم بىراۋنىڭ يېنىغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلغۇچى»، يەنى «تەسەللى بەرگۈچى»، «ھەمراھ»، «مەسلىھەتچى»، «كۈچەيتكۈچى»، «ئادۋوكات-ئاقلىغۇچى» قاتارلىقلاردۇر. «باشقا بىر...» دېگىنى بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەيسا مۇخلىسلار بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا قانداق جەھەتلەردىن «ياردەمچى» بولغان بولسا، ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغاندا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئەيسانىڭ تولۇق ۋەكىلى بولۇپ، ئىككىنچى «ياردەمچى» رولىدا بولىدۇ، دېگەن قىممەتلىك ۋەدىنى بىلدۈرىدۇ.

14:17 «ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر» ــ «ھەقىقەتنىڭ روھى» ــ ياكى «ھەقىقەتكە باشلىغۇچى روھ». «سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ» ــ ئۇلار قايسى يول بىلەن مۇقەددەس روھنى تونۇيدۇ؟ ئۇ شۇ چاغدا قانداق يول بىلەن «ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ»؟ جاۋاب شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئەيسانى تونۇغاچقا، مۇقەددەس روھنىمۇ تونۇغان بولىدۇ؛ ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مۇقەددەس روھمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى. لېكىن ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ «ئىچىدە، قەلبىدە، روھىدا» ماكان قىلىدۇ.

14:18 مات. 28‏:20.

14:22 «ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟» ــ شۈبھىسىزكى، مۇخلىسلار ئۇنى دەرھال ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئايان قىلىدۇ، دەپ ئويلاتتى.

14:23 «ئاتام بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز» ــ «ئاتام بىلەن ئىككىمىز» گرېك تىلىدا «بىز».

14:24 يـۇھ. 7‏:16؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:10؛ 16‏:13.

14:26 لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 15‏:26؛ 16‏:7، 13؛ روس. 2‏:4.

14:27 «مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر» ــ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بىر نەرسە بەرگىنىدە دائىم دېگۈدەك خالاپ بەرمەيدۇ ــ ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋە نۇرغۇن شەرتلەر بىلەن بېرىدۇ. لېكىن خۇدا بىزگە بىر نەرسە بەرسە ئۇنى قايتۇرغۇزمايدۇ.

14:27 فىل. 4‏:7.

14:28 يـۇھ. 14‏:3.

14:29 «سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم» ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئەيسانىڭ تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى («سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىشىم») ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا دەھشەتلىك زەرب بولىدۇ.

14:29 يـۇھ. 13‏:19؛ 16‏:4.

14:30 «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ» ــ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» شەيتان، ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.

14:30 يـۇھ. 12‏:31؛ 16‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:2.

14:31 «ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ 30-ئايەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ. دېمەك، ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇشى، سوتلىنىشى، ھاقارەتلىنىشى ئاندىن كرېستلىنىشىنى ئىختىيارى بىلەن قوبۇل قىلىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى بولسا، ئىبلىسنىڭ ئۈستىدىن قانداقتۇر بىر ھوقۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتىنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن بولىدۇ.

14:31 يـۇھ. 10‏:18؛ ئىبر. 10‏:5.