17
ئىسرائىللارنىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىشى
1ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 2ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى.
3مىكاھ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەردى. ئانىسى: ــ مەن ئەسلىدە بۇ پۇلنى سەن ئوغلۇمنى دەپ پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويما بۇت ۋە قۇيما بۇت ياساشقا ئاتىۋەتكەنىدىم؛ ئەمدى يەنىلا ساڭا بېرەي، دېدى.
4لېكىن مىكاھ كۈمۈشنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى؛ ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى؛ ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلدى. 5مىكاھ دېگەن بۇ كىشى ئەسلىدە بىر بۇتخانا پەيدا قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىگە بىر ئەفود بىلەن بىرنەچچە «تەرافىم»نى ياسىغانىدى؛ ئاندىن ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى.
6شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى.
مىكاھنىڭ بىر لاۋىينى «كاھىن بولۇش»قا ياللىشى
7يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. 8بۇ يىگىت بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ، يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەم شەھىرىدىن چىقتى. ئۇ سەپەر قىلىپ، ئەفرائىم تاغلىقىغا، مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. 9مىكاھ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ، دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مەن يەھۇدالارنىڭ يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر لاۋىيمەن، بىر جاي تېپىپ تۇراي دەپ چىقتىم، ــ دېدى.
10مىكاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن؛ مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر يۈرۈش ئېگىن ۋە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىڭنى بېرەي، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي كىشى ئۇنىڭكىگە كىردى.
11لاۋىي ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى؛ يىگىت شۇ كىشىگە ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. 12ئاندىن مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن لاۋىي يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.
13ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
Notes
□17:2
«...تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ...» ــ قارغاشنىڭ مەزمۇنى بەلكىم «بۇ پۇل بەرىكەتلىك بولمىسۇن، ئالغۇچى كىشىگە پالاكەت چۈشۈرسۇن» دېگەندەك بولسا كېرەك. «...ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «...ۋە مېنىڭ قۇلاقلىرىمغا سۆزلىدىڭ».
□17:4
«...ئانىسى ئۇنىڭدىن ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بېرىپ، بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساتتى...» ــ مۇشۇ سۆزدىن قارىغاندا، ئاپىسى نىيىتىدىن يېنىپ، پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىدە قالدۇرغانىدى.
□17:5
«ئەفود» ــ «ئەفود» توغرۇلۇق 27:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «ئەفود» ئەسلىدە باش كاھىن كىيىدىغان ئالاھىدە بىرخىل كىيىم ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق «مىس.» 5:28-30 ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. «تەرافىم» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «ئۆي بۇتلىرى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ بۇتلار قولدا كۆتۈرگۈدەك كىچىك بولۇپ، ئادەتتە كۈمۈشتىن ياسىلاتتى. قەدىمكى ۋاقىتلاردىكى بەزى بۇتپەرەس جەمئىيەتلەردە «تەرافىم»غا ئىگە بولغان ئادەم ئۆينىڭ بارلىق تەئەللۇقاتىنىڭ ئىگىسى، خوجايىنى دەپ ھېسابلىناتتى. «... ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلەپ، ئۇنى ئۆزىگە كاھىن قىلدى» ــ پەقەت ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىلا كاھىن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.
□17:6
«شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ ھەركىم ئۆز نەزىرىدە ياخشى كۆرۈنگەننى قىلاتتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىسرائىلغا ئۆزى پادىشاھ تەيىنلەش مەقسىتىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
■17:6
ھاك. 18:1؛ 21:25
□17:7
«يەھۇدا جەمەتىنىڭ تەۋەسىدىكى بەيت-لەھەم» ــ بەيت-لەھەم لاۋىيلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەردىن ئەمەس ئىدى. بۇ كىشىنىڭ شۇ يەرگە نېمىگە بارغىنى ئېنىق ئەمەس.
□17:12
«مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنى كاھىنلىققا مەخسۇس تەيىنلىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «مىكاھ بۇ لاۋىي كىشىنىڭ قولىنى تولدۇردى». بۇ سۆز مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىقتۇر ــ (1) ئۇ مىكاھنىڭ قولىنى مەخسۇس كاھىنلىق ۋەزىپىسى بىلەن «تولدۇردى» ۋە (2) (ھەجۋىي جەھەتتىن) پۇل بىلەن تولدۇردى. «شۇنىڭ بىلەن لاۋىي يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى» ــ پەقەت ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىلا كاھىن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى؛ باشقا لاۋىيلارنىڭ كاھىن بولۇش ھوقۇقى يوقتۇر، ئەلۋەتتە.
□17:13
«بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي خۇراپىي بىر كۆزقاراش، ئەلۋەتتە. 18-بابتا سۆزلەرنىڭ خاتالىقى چىقىپ تۇرىدۇ.