4
1مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، 2 خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. 3چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. 4ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. 5لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. 6چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى. 7گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم. 8ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ غەلىبە تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
خۇسۇسىي تاپشۇرۇقلار؛ ئاخىرقى سۆزلەر
9ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كەل. 10چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. 11يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەل، چۈنكى ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا كۆپ ئەسقاتىدۇ. 12تىكىكۇسنى بولسا ئەفەسۇس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. 13كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. 14مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا تولا ئەسكىلىك قىلدى. رەب ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق ياندۇرماي قالمايدۇ. 15سەن ھەم ئۇنىڭدىن ھوشيار بول؛ چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن سۆزلىرىمىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.
16تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي! 17لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم. 18رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!
ئاخىرقى سالام
19پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت.
20ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. لېكىن تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېتۇس شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم.
21قىش چۈشۈپ كەتكۈچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەرگە كەلگىن.
يۇبۇلۇس، پۇدىس، لىنوس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. 22رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي! مېھىر-شەپقەت سىلەر بىلەن بىللە بولغاي!
Notes
■4:1
رىم. 1:9؛ 9:1؛ 2كور. 1:23؛ 11:31؛ گال. 1:20؛ فىل. 1:8؛ 1تېس. 2:5؛ 1تىم. 5:21؛ 6:13.
□4:2
«خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا» ــ «ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى، خەقلەر خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلسۇن قىلمىسۇن، ئۇلارغا ياقسۇن ياقمىسۇن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ۋەزىپىسى ھامان ئامال قىلىپ سۆز-كالامنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
□4:3
«... قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ» ــ «قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن» گرېك تىلىدا «قۇلاقلىرى قىچىشقان بولۇپ،..» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە: «ئۇلار ھەردائىم يېڭى نەرسىلەرنى ئاڭلىغاچقا» دېگەن باشقا بىرخىل چۈشەنچىنىمۇ بېرىدۇ.
□4:6
«جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى» ــ پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلار ئۈستىگە تۆكۈلىدىغان «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا بولىدىغان ئۆلۈمىنى قۇربانلىققا ئەمەس، پەقەت بىر «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ، خالاس. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ قۇربانلىق» ئەيسا مەسىھنىڭكىدۇر.
■4:6
2پېت. 1:14.
□4:7
«گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم» ــ «كۈرەش» (قاتتىق ئېلىشىش مۇسابىقىسى، گرېك تىلىدا «ئاگون») دېگەن سۆز توغرۇلۇق «تىموتىيغا (1)»دىكى (12:6 توغرۇلۇق) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□4:8
«ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ» ــ «شۇ كۈنى» رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى، ئەلۋەتتە.
■4:8
1كور. 9:25؛ 1پېت. 5:4.
■4:10
كول. 4:14؛ فلم. 24.
■4:11
روس. 15:37؛ كول. 4:10،14؛ فلم. 24.
■4:12
روس. 20:4؛ كول. 4:7.
□4:13
«كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن» ــ بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.
■4:14
1تىم. 1:20.
□4:16
«تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي!» ــ بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.
□4:17
«شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم» ــ پاۋلۇس قەيسەر نېرونىڭ بىرىنچى سورىقىدىن قۇتۇلدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□4:19
«پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت» ــ «پرىسكا» بولسا «پرىسكىللا»نىڭ قىسقارتىلغان شەكلى («روس.» 2:18). ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ئەر-ئايال ئىدى.
■4:19
روس. 18:2؛ رىم. 16:3.
□4:22
«رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «رەب روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» دېيىلىدۇ.