جامائەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى
1مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، ئېتىقادچىلارغا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، 2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. 3بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 4چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. 5چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر.   6ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.   7مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. 8شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
9ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، 10بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. 11 جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. 12لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن.    13چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. 14ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋائانا ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. 15لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ.

Notes


2:2 يەر. 29‏:7.

2:4 ئ‍ەز. 18‏:23؛ 2پېت. 3‏:9.

2:5 «چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر» ــ ياكى «چۈنكى خۇدا بىردۇر» ــ «قان.» 4:6 («پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر») ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

2:5 يـۇھ. 17‏:3؛ رىم. 3‏:30؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 9‏:15.

2:6 «ئۇ (مەسىھ) بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى» ــ بۇ «ھۆر قىلىش» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن. «شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۇلۇغ ئىشقا (يەنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى) بېكىتىلگەن ۋاقتى-سائىتىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى». لېكىن بىزنىڭچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى شۇ «گۇۋاھلىق»تۇر ــ دېمەك، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى خۇدانىڭ چەكسىز مۇھەببەت ۋە نىجاتلىق پىلانى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئاشكارىلاندى.

2:6 مات. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14.

2:7 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 2تىم. 1‏:11.

2:8 زەب. 134‏:1-2؛ يـۇھ. 4‏:21.

2:9 تىت. 2‏:3؛ 1پېت. 3‏:3.

2:11 «جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن» ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئايال كىشىلەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك ئىدى، شۇڭا روسۇلنىڭ بۇ سۆزى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىدى.

2:12 «لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن» ــ بۇ تەلىم توغرۇلۇق، شۇنداقلا ئاچا-سىڭىللارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتلار توغرۇلۇق «1كور.» 34:14-35 ۋە «كورىنتلىقلار (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

2:12 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:24.

2:13 يار. 1‏:27؛ 2‏:22.

2:14 يار. 3‏:6.

2:15 «لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ» ــ دېمەك، «ئاياللار خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ». بۇ 14-15-ئايەتنى: «ئاياللار ئەرلەرگە تەلىم بېرىش، ئەرلەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا، ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەن باشقا بىر مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ: «بىراق ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن يەنە بىر چۈشەنچىسى ئەينى تېكىستكە ئانچە يېقىن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.