تىموتىيغا «1»
روسۇل پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان بىرىنچى مەكتۇپ •••• سالام
1قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن 2ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
ساختا تەلىملەرنى توسۇش
3ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى، شۇ يەردىكى بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛ 4ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس.   
5ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. 6بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى. 7ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
8ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر.   9چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار، 10بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن. 11بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.  
پاۋلۇس ئۆزى خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىنى كۆرسەتكۈچى جانلىق مىسالدۇر
12ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، 13ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.    14ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى. 15‏-16مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر.    17ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!
18‏-19ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى.    20خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم.  

Notes


1:1 روس. 9‏:15؛ كول. 1‏:27.

1:2 روس. 16‏:1؛ 1كور. 4‏:17؛ گال. 1‏:3؛ 1تېس. 3‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:3 روس. 20‏:1.

1:4 «ئايىغى يوق نەسەبنامىلەر» ــ يەھۇدىي خەلقى ھەردائىم ئۆزىنىڭ تەۋراتتىكى مەلۇم ئۇلۇغ «روھىي ئەرباب»نىڭ ئەۋلادى، گرېكلەر بولسا ھەردائىم ئۆزىنىڭ «ئىلاھىي ئادەم»نىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى. «بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ» ــ «(خۇدانىڭ)... ئۆز ئۆيىگە بولغان (نىجاتلىق) پىلانى» گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قانۇن-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:4 1تىم. 4‏:7؛ 6‏:4، 20؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9.

1:5 رىم. 13‏:8؛ گال. 5‏:14.

1:8 «ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر» ــ «ئەينى مۇددىئاسىدا» گرېك تىلىدا «قانۇنلۇق يولدا قوللانسا».

1:8 رىم. 7‏:12.

1:9 گال. 5‏:23.

1:10 «تەۋرات قانۇنى... ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن» ــ «ساغلام تەلىم» ــ بۇ پاۋلۇسنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى. خۇدادىن كەلگەن تەلىم ئۇنى قوبۇل قىلغانلاردا ساغلام روھىي ھاياتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ.

1:11 «بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان» ــ «بۇ تەلىملەر» («ساغلام تەلىم») تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى، ئۇنىڭ «ئۆز مۇددىئاسىدا قوللىنىدىغان» ياكى «قانۇنلۇق يولدا قوللىنىلىدىغان» مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (8-ئايەت).

1:11 1تېس. 2‏:4؛ 1تىم. 6‏:15.

1:13 «ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ...» ــ «كۇپۇرلۇق قىلغۇچى» ــ ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقى بىۋاسىتە خۇداغا قارىتىلغان ئەمەس (چۈنكى ئۇ «ئىخلاسمەن يەھۇدىي» ئىدى)، بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەسىھگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە قارىتىلغان. «زىيانكەشلىك قىلغۇچى» ــ مەسىھگە ئەگەشكەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى. «چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم» ــ «ئېتىقادسىزلىق» خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھدە بولغان نىجات يولىغا بولغان ئېتىقادسىزلىقتۇر.

1:13 يـۇھ. 9‏:39،41؛ روس. 3‏:17؛ 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13.

1:15‏-16 «مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر» ــ بۇ زور ئەھمىيەتلىك ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:15‏-16 مات. 9‏:13؛ مار. 2‏:17؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1يۇھ. 3‏:5.

1:17 «مەڭگۈلۈك پادىشاھ» ــ گرېك تىلىدا «بارلىق زامانلارنىڭ پادىشاھى». «بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ... شان-شەرەپ بولغاي!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «بىردىنبىر دانا خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ... شان-شەرەپ بولغاي!» دېيىلىدۇ.

1:18‏-19 «بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن» ــ «گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن» ــ ئەت ئىگىلىرى بىلەن ئەمەس، ئەلۋەتتە، روھىي كۈرەشتۇر. كېيىنكى 12:6-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «گۈزەل كۈرەش»نى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.

1:18‏-19 1تىم. 6‏:12؛ 1تىم. 3‏:9.

1:20 «ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم» ــ «شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇلۇش» بولسا، ئېتىقاد يولىدىن خېلىلا چەتنىگەن كىشىلەرنى ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇسۇن دەپ، جامائەت ئىشلەتسە بولىدىغان ئېغىر بىر تەدبىردۇر. ئۇنىڭدا شۇنداق كىشىلەر جامائەتتىكى باردى-كەلدىدىن چىقىرىلىپلا قالماي، بەلكىم كېسەل بولۇپ قېلىشى ياكى بالايىئاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇ ئىش توغرۇلۇق يەنە «1كور.» 5-باب، ئىزاھاتلىرى ۋە شۇ مەكتۇپتىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ.

1:20 1كور. 5‏:5؛ 2تىم. 2‏:17؛ 4‏:14.