خۇدا يولىدا ياشاش
1ئەمدى مەسىھ تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. (چۈنكى خۇدا يولىدا ئۆز تېنىدە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولىدۇ؛ 2ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ). 3چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!   4بۇ ئىشلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ شۇنداق ئىپلاسلىققا يۈگۈرمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. 5ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ. 6شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار سوراق قىلىنىدىغاندەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن.  
خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى
7ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار. 8لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار».   9بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار. 10خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. 11كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن!  
ئېتىقادچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر قىلىشى
12سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار. 13بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر. 14سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ.    15ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. 16بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن. 17چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟    18 دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ
«ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا،
ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»  
19شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن.

Notes


4:1 رىم. 6‏:7؛ ئىبر. 12‏:1.

4:2 رىم. 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ ئ‍ەف. 4‏:24؛ 1تېس. 5‏:10؛ ئىبر. 9‏:14.

4:3 «چۈنكى كۈنلىرىمىزنى يات ئەللىك ئېتىقادسىزلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن...» ــ «يات ئەللىك ئېتىقادسىزلار» گرېك تىلىدا «يات ئەللىكلەر» ياكى «تائىپىلەر» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىنجىل دەۋرى كەلگۈچە يەھۇدىيلاردىن باشقا پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر («يات ئەللەر») دېگۈدەك بۇتپەرەس ئىدى؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە پېترۇس بۇ ئىبارە بىلەن «بۇتپەرەس كاپىرلار»نى كۆرسىتىدۇ. پېترۇسنىڭ بۇ خېتىنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇرمەنلىرى، شۈبھىسىزكى، مۇشۇنداق ئادەملەردىن ئىدى. «ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىق-شەھۋانىيلىق، نەپس-ھەۋەسلەر، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىكلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمىز ئەمدى كۇپايە قىلار!» ــ «كۇپايە قىلار!» ــ بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە.

4:3 ئ‍ەف. 4‏:17.

4:5 «ئۇلار ھامان ھەم تىرىكلەرنى ۋە ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچىغا ھېساب بەرمەي قالمايدۇ» ــ «سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.

4:6 «شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار سوراق قىلىنىدىغاندەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن» ــ «خۇش خەۋەر» ــ مۇقەددەس كىتابتا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىدىن بولغان نىجات توغرۇلۇق، ئەلۋەتتە. بۇ ئايەت توغرۇلۇق نۇرغۇن پىكىرلەر بار. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇلارنى بايان قىلىمىز.

4:6 يـۇھ. 5‏:25؛ 1پېت. 3‏:19.

4:7 لۇقا 21‏:34؛ 1يۇھ. 2‏:18.

4:8 «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار» ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتىكى سۇلايماننىڭ «پەند-نەسىھەتلەر»ى 12:10دىن ئېلىنغان. مەنىسى، شۈبھىسىزكى، ھەم باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەم مۇمكىن بولسا باشقىلارغا يايماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4:8 پەند. 10‏:12.

4:9 رىم. 12‏:13؛ فىل. 2‏:14؛ ئىبر. 13‏:2.

4:10 پەند. 3‏:28؛ رىم. 12‏:6؛ 2كور. 8‏:11.

4:11 «كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن» ــ «سۆز قىلىش» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، جامائەتتە سۆزلەش، بولۇپمۇ تەلىم بېرىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

4:11 يەر. 23‏:22.

4:12 يەر. 48‏:10؛ 1كور. 3‏:13؛ 1پېت. 1‏:7.

4:13 «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر» ــ «ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا»: ــ دېمەك، مەسىھ قايتا كەلگىنىدە.

4:14 «سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ» ــ «يەش.» 2:11نى كۆرۈڭ. بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «ئۇلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا كۇپۇرلۇق قىلىنىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ تەرىپىڭلاردىن ئۇلۇغلىنىدۇ» دەپ قوشۇلىدۇ.

4:14 مات. 5‏:10؛ 1پېت. 2‏:20؛ 3‏:14.

4:16 «بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن» ــ «مەسىھىي» گرېك تىلىدا «خرىستىيان». «مەسىھ» گرېك تىلىدا «خرىستوس» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

4:17 «چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، روسۇل پېترۇس يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە سىناشلار خۇدانىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن بىرخىل سوراقنىڭ باشلىنىشى ياكى تەربىيە بولۇپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى ئوچۇق قىلىدىغان سىناقلار، دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

4:17 يەر. 25‏:29؛ لۇقا 10‏:12؛ 23‏:31.

4:18 «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» ــ تەۋرات «پەند.» 13:11، LXX گرېكچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. گرېك تىلىدا «ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلار نەدە كۆرۈنىدۇ؟!» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

4:18 پەند. 11‏:31.

4:19 «... خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر ياخشى ئەمەللەرنى داۋام قىلىپ، جېنىنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ياراتقۇچىغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرسۇن» ــ «ۋەدىسىدا تۇرىدىغان ياراتقۇچى» دېگەن ئىبارە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئازراق توختىلىمىز.